- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مۇلازىمەت ئەترىتى ئاممىنى رازى قىلدى
2016.08.26 15:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم «ئۈچ ئەل» خىزمىتى ئىشخانسىدىن گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى) ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن يېڭى شەھەر كوچا باشقارمىسى مائارىپ مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر تەۋەسىدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىدىن بەھرىمان بولدىغان ئاممىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، مەخسۇس «مۇلازىمەت ئەترىتى» قۇرۇپ چىقتى.
ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مەھەللىسىدە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتىدىن 100دىن ئارتۇق ئائىلە بۇلۇپ، ھەر ئايدا 50 مىڭ يۈەن تارقىتىلىدىكەن. ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بىلەن بۇ مەھەللىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى كادىرلىرى ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا، 57 ئائىلىلىك تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتىسى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياشانغان، مېيىپ، ئاجىز ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ھەر ئايدا بۇلارنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز، ئىش بېجىرىشى قىيىن بۇلۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مەھەللىدىكى ياشانغان ئاممىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر