باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئوقۇش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەكتەپكە قايتتى

2016.08.26 15:45   مەنبە: خەلق تورى

ئوقۇش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەكتەپكە قايتتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى يېڭى ۋوگزالى ئىچىدە مىغ-مىغ ئادەم، ھەر خىل رەڭلىك چامادان، ساۋاقداشلار توپ-توپ بولۇشۇپ بېلەت تەكشۈرۈش ئېغىزىدىن پويىز كۈتۈش زالىغا قەدەم قويدى. شۇ كۈنى، 1162 نەپەر ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپكە قايتىش سەپىرىنىڭ مۇساپىسى باشلاندى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا مەخسۇس كېلىپ، پات ئارىدا ئىچكى ئۆلكىلەرگە بارماقچى بولغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئۇزىتىپ قويدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لياڭ چاۋ، مۇئاۋىن نازىرى سۈن چى قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ۋوگزالغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەسىدىكى ئۆ…
    ·ئىستانبۇلنىڭ ئىككى خەلقئارا ئايروپورتىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى
    ·دۆلىتىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغى 150 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ بۆسۈش ھاسىل قىلدى
    ·مائارىپقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مەخسۇس تېمىلىق لىكسىيە پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى
    ·27 ئۆلكىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسى ئېلان قىلىندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش دېگەندەك ناملار بى…
    ·تۈركىيە ئاۋسترىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
    ·چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 28–ئاۋغۇست تىزىملاش باشلىنىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش توغرىسىدا ئوقۇتقۇچىلا…
    ·جۇڭگو ۋە تۈركمەنىستان ھەمكارلىق كومىتېتى 4- قېتىملىق يىغىنى تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلىدۇ