باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى چيۇ خېنىڭ پارا ئېلىش دىلوسىغا بىرىنچى سوت ئېچىلدى

2016.08.26 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۈيجۇ ئۆلكىسى گۈيياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 25-ئاۋغۇست بىرىنچى سوتتا يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى چيۇ خېنىڭ پارا ئېلىش دىلوسىغا ئاشكارا قاراپ چىقتى.

  گۈيجۇ ئۆلكىسى گۈيياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپنامىسىدە مۇنداق دېيىلدى: 2008-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، جاۋابكار چيۇ خې ج ك پ يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كۈنمىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىكى قولايلىقلار ۋە ھوقۇقى، ئورنى پەيدا قىلغان قولايلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، بانكا قەرزى ئېلىپ بېرىش، خىزمەت تەڭشەش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بەرگەن، ليۇ ۋېيگاۋ قاتارلىق 13 كىشىنىڭ پۇل، مېلىنى قۇبۇل قىلغان ياكى تەلەپ قىلغان، بۇلارنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 24 مىليون 330 مىڭ يۈەن بولغان.

  سوتتا، ئەيىپلىگۈچى تەرەپ مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى چىقاردى، چيۇ خې ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى ئىسپات كۆرسەتتى، ئەيىپلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پىكرىنى تولۇق بايان قىلدى، چيۇ خې يەنە ئاخىرقى قېتىم پىكرىنى بايان قىلدى ھەم گۇناھىنى تونۇپ، تۆۋە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سوتنىڭ ۋاقتىنچە توختىتىلىپ، مۇۋاپىق ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقى جاكارلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر