باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەندۇڭنىڭ لىنيىدا تېلېفوندا ئوقۇغۇچىلارنى ئالداش دىلوسىدىن ئۈچى يۈز بەردى

ئىككى ئوقۇغۇچى ئۆلۈپ كەتتى

2016.08.26 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەندوڭ ئۆلكىسى لىنيى شەھەرلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئىگىلىنىشىچە، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاشنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، لىنيى شەھىرىدە ئۈچ قېتىم تېلېفوندا ئوقۇغۇچىلارنى ئالداش دىلوسى يۈز بەرگەن، ئۈچ ئوقۇغۇچىنىڭ بانكا كارتىسىدىكى پۇل ئالداپ كېتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئوقۇغۇچى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالغان، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى ئالدىنىپ قېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ گۇمان قىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  8-ئاينىڭ 19-كۈنى، شەندوڭ ئۆلكىسى لىنيى شەھىرى لوجۇاڭ رايونى گاۋدۇ كوچىسى جوڭتەن كەنتىدىكى نەنجىڭ پوچتا-تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتى ئېنگلىز تىلى فاكۇلتېتىدا ئوقۇش ئالدىدا تۇرغان 18 ياشلىق قىز شۈ يۈيۈ بىر ئالدامچىلىق تېلېفونىنى ئېلىش بىلەن، 9900 يۈەن ئوقۇش پۇلى ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەن. دادىسى بىلەن بىللە ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قايتىش يولىدا، ئائىلە شارائىتى ئىنتايىن ناچار شۈ يۈيۈنىڭ يۈرىكى تۇيۇقسىز سوقۇشتىن توختىغان، دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزغان بولسىمۇ، ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. ئوخشاش مەزگىلدە، لىنيى شەھىرى خېدوڭ رايونىدا، يەنە بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ 6800 يۈەن ئوقۇش پۇلى ئالداپ ئېلىۋېلىنغان.

  8-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەردە، لىنيى شەھىرى لىنشۇ ناھىيەسىدىكى ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان شەندوڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سوڭ جېننىڭمۇ تېلېفوندا ئالدانغاندىن كېيىن، يۈرىكى سوقۇشتىن توختاپ ئۆلۈپ كەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر