باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆكتەبىردىن باشلاپ كارخانىلارنى تىزىملاشتا بەش كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2016.08.26 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىگىلىك تىكلەش، شىركەتنى تىزىملىتىش تېخىمۇ قولايلىشىدىغان بولدى. ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئېچىلغان سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، كارخانا تىزىملىتىشتا «بەش كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈلۈش، بىر گۇۋاھنامىگە بىر كود بېكىتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. يەنى نۆۋەتتىكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى، ئىستاتىستىكا قاتارلىق ئورۇنلار تارقاتقان «تۆت كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈلۈش»كە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تىزىملاش قوشۇلۇپ، «بەش كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىل سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى كارخانىلارنى تىزىملاشتىكى پۈتۈن جەرياننى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش سىناق نۇقتىسىنى باشلايدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ شەھىرى خەيدەن رايونى تاللىنىپ، پۈتۈن جەرياننى ئېلېكتىرلەشتۈرۈپ تىزىملاش سىناق نۇقتىسى قىلىنىدىكەن، 10-ئايدىن باشلاپ، كارخانىلارنى تىزىملىتىشتا «پۈتۈن جەرياننى قەغەزسىزلەشتۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر