باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق ياخشى كىشى دۇنياغا قۇدرەتلىك شىنجاڭ كۈچىنى نامايان قىلدى

2016.07.14 15:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر چىراغ، بىر جاينى يورىتىدۇ، بىر سەمىمىي ھەرىكەت بىر شەھەرنى ئىللىتىدۇ، بىر توپ كىشى ئەخلاق ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك بىر كۈچنى توپلىيالايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭلىق سەمىمىي ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئارقا ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، ئالايلۇق شىنجاڭلىق يىگىت خەبىر ئەخمەت خۇنەن چېنجۇ شەھىرىدە سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بىر ئايالنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدى، ناۋايچىلىق ۋە كاۋاپچىلىق بىلەن جان باقىدىغان شىنجاڭلىق ياخشى كىشى تۇرسۇنتوختى ئىمىن يېرىم يىل يىغقان 42مىڭ يۈەن پۇلىنى خۇنەن ئۆلكىسى شىيەن شەھىرى يۇنشى ناھىيەسى چېڭگۈەن بازىرى شىياۋخې كەنتىدىكى نامرات ئائىلىلەرگە ئىئانە قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پۇقرالارنىڭ ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇدا 15 يىل ئاممىۋىي ئەخلاق قۇرۇلۇشى ئايلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى ئىچىدە پۇقرالار ئەخلاق تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش، لېيفېڭ روھىنى نۇرلاندۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

  مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازىرى يېڭىئاۋات كەنتىدىكى ئابلىز نۇرەك بوۋاينىڭ ھال كۈنى ياخشى بولمىسىمۇ بىر كېسەل خەنزۇ بوۋاقنى بېقىۋالدى، ئۇ بوۋاقنى داۋالىتىش ئۈچۈن تەرەپ تەرەپتىن قەرز ئېلىپ، سورۇلۇپلا كەتتى، ئەمما ئۇ ئەزەلدىن پۇشايمان قىلىپ باقمىدى، ئابلىز مىللەت ھالقىغان پىداكارانە مۇھەببىتى ئارقىلىق، دۇنيا خەلقىگە ئاددىي ساددا، سەمىمىي بىر شىنجاڭلىقنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلدى.

  2012-يىلى نويابىرنىڭ بىر كۈنى جىڭجۈ كەسپى تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ 17 ياشلىق ئوقۇغۇچىسى مەردان روزى چاڭجياڭ جىڭجۈ بۆلىكى باۋتا قولتۇقىدا بىرسىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ قىلچە ئىككىلەنمەي ئۆزىنى سۇغا ئاتتى ۋە سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايالنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى.

  شىنجاڭلىق ياخشى كىشى ئابلىز مەمەتنىياز 22 يىل جەريانىدا پىداكارلىق بىلەن 60 نەچچە كىشىگە ياردەم بەردى، سىچۈەن ئۆلكىسى يائەن ۋىلايىتى، گەنسۇ ئۆلكىسى مىنشيەن ناھىيەسىدە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ئۇ ئاپەت بولغان رايونغا بېرىپ، ئاممىغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

  شىنجاڭلىق ياخشى كىشىلەر شىنجاڭنىڭ بىر ماركىسىغا ئايلاندى، ئىچكىرى جايلاردا ئىجابىي كۈچ تارقاتتى، سىرتقا قارىتا شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىدى، كىشىلەرگە ھەقىقىي، گۈزەل بىر شىنجاڭنى نامايان قىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە ئۈلگىلىك كۈچلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاپتونوم رايون بويىچە ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسى كۈچەپ، ئاددىي، كىچىك ئىشلار، سەمىمىي ھەرىكەت ئارقىلىق دۇنيا خەلقىگە تېخىمۇ كۈچلۈك شىنجاڭ كۈچىنى نامايان قىلماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر