باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ساياھەتچىلىكنى يەنە تېزلەتتى

2016.07.13 17:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  غەربىي شىمالدىكى ساياھەت چوڭ ئۆلكە ئاپتونوم رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل ساياھەتچىلىكنى يەنە تېزلەتتى. قولاي سىتېرولۇق قاتنىشى، كۆپ مەنبەلىك ساياھەت مەدەنىيەت بايلىقى كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلدى. ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلى يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ كۆلىمى ۋە سانى جەھەتتە تارىختىكى يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم شەھەر، شىنجاڭدىكى تۇنجى بەش A دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەت مەنزىرە رايونى قەشقەر قەدىمى شەھىرى ھەر كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى سائەت ئون يېرىمدا شەھەرگە كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، جاڭچيەن، ئىپارخان، نەسردىن ئەپەندى قاتارلىق تارىخ ۋە رىۋايەتتىكى داڭلىق شەخسلەر شەھەر دەرۋازىسىدا دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىپ، كىشىلەرنى قەدىمىي يىپەك يولىدىكى قەدىمى شەھەرگە كەلگەندەك ھېس قىلدۇرىدۇ.

  شەرقىي شىماللىق ساياھەتچى ما جىڭشۈ مۇنداق دېدى: بۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ، ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشالىدىم، ئۇلار ئىنتايىن سەمىمىي ئىكەن، رىشتىمىز تېخىمۇ چىڭىدى.

  ساياھەتچى چېن خەن مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئەينى ۋاقىتتا مۇھىم ئىقتىساد بەلبېغى بولۇپ، ئاسىيا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتەتتى. شۇڭا بىز يىپەك يولىدا قايتا مېڭىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى پارلاق تارىخنى كۆرۈپ بېقىشنى قارار قىلدۇق.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆتكۈزگەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېلىپ كەلگەن قىش پەسىللىك ساياھەت يۇقىرى پەللىسىدىن ئەتىياز پەسلىدىكى تۇرپان چېچەك بايرىمى، ئىلى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى، چۆچەك تاغ گۈلى بايرىمىغىچە؛ ياز پەسلىدىكى قورغاس ئۈستقۇددۇس بايرىمى،موڭغۇل كۆرە دۇلدۇل بايرىمى، قۇمۇل قوغۇن بايرىمى، تۇرپان ئۈزۈم بايرىمىگىچە ، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتى دېيىشكە بولىدۇ.

  دۆلەت ئىچى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپەيگەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەر قايسى چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى شىنجاڭدا دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەل يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئاچتى؛ چوڭ ئايروپىلانلارنى سەپلىدى. تارماق لىنىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى كۆپەيتتى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۆمۈر يول تارماقلىرى ئارقا ئارقىدىن شىنجاڭ ساياھەت مەخسۇس پويىزى سەپلىدى، شىنجاڭ ئىچىدە پويىزلارنىڭ سۈرىتىنى تېزلەتتى؛ پويىز كۆپەيتتى؛ يېڭىدىن ساياھەت مەخسۇس پويىزى سەپلىدى، بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن ساياھەتچىلەر پويىز بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشنى تاللىدى.

  يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلقئارا ساياھەت مۇھىم مەنزىللىرىنى تىرىشىپ يارىتىپ، بىر تۈركۈم يېڭىچە ساياھەت بايلىقىنى قىزىپ چىقتى. ئەنئەنىۋى مەنزىرە ساياھىتى، ئۆرپ ئادەت ساياھىتى، گۈلدىن زوقلىنىش ساياھىتىدىن يىپەك يولىدا قەدىمكى ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتىنى ئىزدەشكىچە، دۆلەت ھالقىپ چېگرا ساياھىتى قىلىشقىچە ساياھەت خىللىرى تېخىمۇ بېيىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر