باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى مۇشۇ ئاي ئاخىرىدا باشلىنىدۇ

ئاپتونوم رايونىمىزدىن جەمئىي 19963ئادەم ئىمتىھانغا تىزىملاتتى

2015.12.15 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىللىق پۈتۈن مەمىلىكەت بويىچە ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 26- دېكابىردىن 28- دېكابىرغىچە ئېلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، كۆچۈرمىچىلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ. بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلغانلىقى ئېنىقلانغان ھامان، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن جەمئىي19963كىشى 2016 - يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان بۇلۇپ، 2015 - قارىغاندا3262ئادەم كۆپەيگەن، ئاپتونۇم رايون بويىچە جەمئىي 11ئىمتىھان رايونى، 18ئىمتىھان نۇقتىسى تەسسىس قىلىنغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئەسكەرتىدۇكى، باشقىلارنى كۆچۈرمىچىلىك سايمانلىرى ياكى باشقا ياردەم بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر، بەلگىلەنگەن ئىمتىھان جاۋابىنى قانۇنغا خىلاپ باشقىلارغا سېتىپ بەرگەن ياكى تەمىنلىگۈچىلەر، باشقىلارغا ۋاكالىتەن ئىمتىھانغا قاتناشقان ياكى باشقىلارنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئىمتىھانغا قاتناشتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە مۇناسىپ جازا بېرىلىدۇ.

  2015-يىللىق ماگىستىر ئاسپرانتلىق ئىمتىھانىدا شىنجاڭ بويىچە 39كىشى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر