باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ھاكىمى كېرىم كەنجى پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە سىياسىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

2015.10.28 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:27-ئۆكتەبىر، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ھاكىمى كېرىم كەنجىنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق كېرىم كەنجىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە پاكلىق ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ھەمدە پۇل–ماللىرىنى ئالغانلىقى؛ ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىك دائىرىسى ئىچىدىكى كوللېكتىپ تېرىلغۇ يەرنى مەجبۇرىي ھۆددىگە ئېلىپ ھەمدە ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىپ پايدىغا ئېرىشكەنلىكى، دېلوغا چېتىشلىق سوممىنىڭ زور ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

  كېرىم كەنجىنىڭ يۇقىرىقى قىلمىشلىرى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، ھەمدە جىنايەتكە چېتىشلىق بولغان، ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. « جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىنتىزام جازاسى نىزامى» ۋە « مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەمۇرلارنى جازالاش نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشى ھەمدە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، كېرىم كەنجىگە پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىش، سىياسىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىشنى قارار قىلدى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر