باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايىتى 15 مىليارد 512 مىليون يۈەن مەبلەغ كېلىشىمى ئىمزالىدى

2015.08.18 20:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، رايىلە مۇرتىزا خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، 2015 - يىللىق ئاسىيا - ياۋروپا تاۋارلار يەرمەنكىسى تۈر ئىمزالاش مۇراسىمى ئۈرۈمچى جىنجاڭ خەلقئارالىق مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاقسۇ ۋىلايىتى ئىمزالىغان 24 تۈردىكى ئومۇمىي مەبلەغ 15 مىليارد 512 مىليون يۈەن بولۇپ، ئونسۇ ناھىيەسى ئىمزالىغان تۈر مەبلىغى 1 مىليون 470 مىڭ يۈەن.

  ئىمزالىغان تۈر جېجىياڭ، سىچۈەن، جىياڭسۇ، شەندوڭ، ئەنخۇي، فۇجىيەن، گەنسۇ، خېبىي، خېنەن، بېيجىڭدىكى 24 كارخانىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، نېفىت - خېمىيە، پاختا - توقۇمىچىلىق، ئېنىرگىيە، سودا، يېمەكلىك پىششىقلاش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئېنىرگىيە ئېلىكتىر تۈرىدىن ئۈچى ئىمزالانغان بولۇپ، سوممىسى 7 مىليارد 512 مىليون يۈەن؛ توقۇمىچىلىق كىيىم - كېچەك كەسىپ تۈرىدىن تۆتى ئىمزالانغان بولۇپ، سوممىسى 5 مىليارد 500 مىليون يۈەن؛ يېنىك سانائەت تۈرىدىن سەككىزى ئىمزالانغان بولۇپ، سوممىسى 1 مىليارد 80 مىليون يۈەن؛ تاۋارلار سودا تۈرىدىن ئىككىسى ئىمزالانغان بولۇپ، سوممىسى 400 مىليون يۈەن؛ تەبىئىي گاز خىمىيە سانائەت تۈرىدىن بىرى ئىمزالانغان بولۇپ، سوممىسى 300 مىليون يۈەن؛ يېزا ئىگىلىك تۈرىدىن ئىككىسى ئىمزالانغان بولۇپ، سوممىسى 170 مىليون يۈەن؛ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تۈرىدىن ئىككىسى ئىمزالانغان بولۇپ، سوممىسى 250 مىليون يۈەن؛ ئەسلىھە ياساش تۈرىدىن بىرى ئىمزالانغان بولۇپ، سوممىسى 120 مىليون يۈەن.ئىگىللىنىشىچە، كۆرگەزمە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشنىڭ ئاساسلىق يوللىرىدىن بىرى بولۇپ، 2014 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 4 - نۆۋەتلىك ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسىدە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىمزالىغان تۈرى 41، سوممىسى 16 مىليارد 950 مىليون يۈەن ئىكەن. ھازىرغا قەدەر 32 تۈر كېلىشىمگە ۋەدە قىلىپ، تۈرلەرنىڭ كېلىشىمگە ۋەدە قىلىش نىسبىتى %78كە يەتكەن .

  ۋىلايەتلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خوۋ يۈفاڭ مۇنداق دېدى :«كېلىشىم ئىمزالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تۈرلەرنى يولغا قويۇشتىكى مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ تۈرلەردە بالدۇر ئىش باشلاپ، ئۈنۈم يارىتىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز».


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر