- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋلى توخۇلا يېزىسىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى
2015.07.14 16:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ14 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇنىردىن تۇنياز، راھىلە مۇرتىزا ،ئامانگۇل خەۋىرى::12-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ، ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋلى توخۇلا يېزىسىدا ئەسلىھەلىك يېزا-ئىگىلگىنى تەكشۈردى . مۇئاۋىن ھاكىم گوۋېي ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملار تەكشۈرۈشتە بىرگە بولدى .
جاۋلى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ، ناھىيەلىك مەركەزلەشتۈرۈپ مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزى ۋە يېمەكلىك زەنبۇرۇغ تەتقىقات ئورنىغا بېرىپ ، تەرەققىيات كۆلىمى ،ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن قوراللاندۇرۇش سەۋىيىسى، يۈرۈشلەشتۈرۈش تېخنىكىسنىڭ قوللىنىشچانلىقى ۋە ئورمان ئاستى زەمبۇرۇغ يېتىشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ، ھەمدە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى پىكىر ۋە تەكلىپ ، شۇنىڭدەك كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى . جاۋلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : نۆۋەتتە ناھىيىمىزنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بازىسى بىر قەدەر تارقاق ، كۆلىمى سەل كىچىك بولۇپ ، يېزا ئىگىلىك ھوسۇلنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ ، يەردىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە بايلىقنى تېجەش ، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈرتكىلىك رولى كۆرۈنەرلىك ئەمەس. شۇڭا ھەر قايسى ئورۇنلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ ، مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش ئۈنۇمىگە كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇپ ، ناھىيەمىزنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى كۆلەملەشتۈرۈشى لازىم .
جاۋلى مۇنداق دەپ تەكىتلىدى : ھەرقايسى يېزا-بازار ۋە ئورۇنلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ، يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، خادىملارنى مۇۋاپپىق ئىشلىتىپ ، كوپىراتىپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ، تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ ، تېرىقچىلىق تۈرلىرىنى بېيىتىشى؛ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر