- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
باي ناھىيىسىدە ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدى
2015.07.14 15:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ14 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، باي ناھىيەسى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ۋە كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىەەنلىكتىن، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.10 -ئىيۇلغىچە، پۈتۈن ناھىيەدىكى 3700 مو پارنىكنىڭ ئومۇمىي ھوسۇلى 18 مىڭ 230 توننىغا، پارنىك ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى 6.1 توننىغا يەتتى. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 30 مىليون 793 مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى دېھقانلارنىڭ بېيىشىدىكى تۈۋرۈكلۈك كەسىپكە ئايلاندى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر