باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«توي تەنتەنىسى مۇلازىمەت ئەترىتى» ئەنئەنىۋى توي مۇراسسىمىنى قوغداپ قالدى

2015.05.27 13:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: باي ناھىيىسىنىڭ سايرام بازارلىق مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ پىنسىيونېرى، پېشقەدەم مائارىپچى ھاپىز ھاكىم پىنسىيەگە چىققان 10 يىلدىن بۇيان يوقاپ كىتىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان «سايرام سەنىمى»نى قېزىپ چىقىپ رەتلەپ، ئاپتونۇم رايۇننىڭ مۇئايەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشىپ، بۇ ئىلغار، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەل-خەلق ئىچىدە قايتىدىن جانلاندۇرۇپ، تەشكىلنىڭ مۇئايەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ناھىيە ۋە بازار رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، 2010-يىلى يېزا مالىيەسىدىن 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجىرىتىلىپ، كىيىم-كېچەك، چالغۇ-ئەسۋاپلار سېتىۋېلىنىپ، 55 نەپەر ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىدىن تەشكىللەنگەن «سايرام سەنىمى» سەنئەت ئەترىتى قۇرۇلۇپ، مەخسۇس تەربىيەلىنىپ، بۇ ئەترەتنىڭ نامىنى خېلىلا چىقارغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ بازار دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، توي مۇراسسىملىرىدا ناخشا ئېيتىش، ئۇسۇل ئويناش قاتارلىق ئەنئەنىۋى-ئۆرۈپ ئادەتلەر يوقۇلۇشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن 2013-يىلىغا كەلگەندە سايرام بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئەنئەنىۋى توي مۇراسسىم ئادەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى قوغداش، ئاممىنى دىنىي ئەسەبىيلىكتىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بازاردىكى «سايرام سەنىمى» سەنئەت ئەترىتى ئەزالىرى ئىچىدىن ھاپىز ھاكىم باشچىلىقىدىكى 12 نەپەر ئەلنەغمىچىلەردىن تەشكىللەنگەن «توي تەنتەنىسى مۇلازىمەت ئەترىتى»نى قۇردى. بۇ «توي تەنتەنىسى مۇلازىمەت ئەترىتى» دەسلەپتە بۇ بازاردىكى توي مۇراسسىملىرىدا مۇلازىمەت قىلىپ، يوقاپ كېتىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ئەنئەنىۋى توي مۇراسسىمىنى قوغداپ، نەغمە-ناۋانى پەلەككە يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، بارغانسىرى خوشنا يېزا-بازارلاردىكى توي قىلىدىغانلارمۇ ئۇلارنى بەس-بەستە تەكلىپ قىلىدىغان بولدى. «توي تەنتەنىسى مۇلازىمەت ئەترىتى»نىڭ قۇرۇلۇشى ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىزگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، يېزىلاردىكى ئەلنەغمىچىلەرگە ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بىرىپ، ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىتتىپاقىلىقنى، ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق تەرەققىياتنى تىزلىتىشتە ياخشى رول ئوينىدى.ئىگىلىنىشچە، بۇ «توي تەنتەنىسى مۇلازىمەت ئەترىتى» بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 21 قېتىملىق، يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە 69 قېتىملىق توي مۇراسسىمىغا مۇلازىمەت قىلغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر