- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بايىنغۇلىن ئوبلاستىدا دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار 17 مىڭدىن ئاشتى
2015.05.27 13:43 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بايىنغۇلىن ئوبلاستى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ، تۈۋەن تۇغۇت نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ ، سۈپەتلىك تۇغۇپ ، سۈپەتلىك تەربىيلەش سالمىقىنى ئاشۇرغانلىقتىن ، دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ تۈرلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن بەھرىمان بولىدىغانلار 17 مىڭ 509 ئائىلىگە يەتتى .
بايىنغۇلىن ئوبلاستى 2014 – يىلى 10 – ئايدىن باشلاپ 2015 – يىلىدا دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن تەرىپىدىن پىلانلىق تۇغۇتتا مۇكاپاتلىنىدىغان كىشىلەرنى ئىنچىكە تەكشۈرۈش ، تىزىملاش ، ئاشكارىلاش ، قايتا تەكشۈرۈش ، مۇقىملاشتۇرۇش ، تورلاشتۇرۇش ۋە ئىلتىماس قىلىش خىزمەتلىرىنى ئەتىراپلىق قانات يايدۇرغان ئىدى . سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا ، 2015 – يىلدا پۈتۈن ئوبلاست بۇيىچە دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپاتلاش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار 17 مىڭ 509 ئائىلىگە ، تارقىتىلغان مۇكاپات سوممىسى 55 مىليۇن 312 مىڭ يۈەنگە يەتكەن . بۇنىڭ ئىچىدە ، يېڭىدىن كۆپەيگەن تۈرلىك مۇكاپات پۇلى بىلەن يۆلەش ئوبىكىتلىرى 4055 ئائىلە بولۇپ ، دۆلەتنىڭ ئاز تۇغۇپ ، تىز بېيىش تۈرىدىكى ئائىلە 1236 گە ، يېزا ، بازارلاردىكى پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپات پۇلى ياردەم بېرىش ئوبىكىتلىرى 1954 كىشىگە ، ئالاھىدە ياردەم بېرىش ئوبىكىتلىرى 577 گە يەتتى . ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئاز تۇغۇپ ، تىز بېيىش تۈرىدىكى ئائىلە 896 گە ، يېزا ، بازارلاردىكى مۇكاپاتلىنىدىغان ئوبىيىكىتلار 621 گە ، ئالاھىدە ياردەم بېرىش ئوبىيىكىتلىرى 22 گە يەتتى . جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ، ئوبلاستتىكى يېزا ، بازار پىلانلىق تۇغۇت ئائىللىرىنى ئالاھىدە مۇكاپاتلاش تۈزىمىنىڭ كېڭەيتىلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە يېزا ، بازارلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسۇنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %50 كە يەتكەن ناھىيە ، شەھەرلەردىكى مۇكاپاتلاش تۈزىمىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلە 12 مىڭ 203 گە يەتتى .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر