باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاتا ئانىلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنىتلەرگە قارتا قانداق بېقىش تەربىيلەش مەجبۇرىيتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟

2015.04.22 11:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەخمەتجان ئەركىن

  مەن ئاتا ئانامنىڭ بالىسى، شۇڭا ئۇلار مىنى باقىدۇ. مەن پەرزەنتىلىرىمنى باقىمەن. پەرزەنتلىرىم ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى باقىدۇ، بۇ ئەلمىساقتىن قالغان ھەممە ئادەمنىڭ ئىددىيسىگە سىڭىپ كەتكەن، بىرخىل ئومۇمى كۆز قاراش.

  ئۇنداقتا ئاتا ئانىلار قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىگە قارتا قانداق بېقىش تەربىيلەش مەجبۇرىيتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ؟ بۇ ھەممە ئادەم قىزقىدىغان شۇنداقلا بىلشكە تىگىشلىك مۇھىم ساۋات.

  ئاتا-ئانا قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيسى بولۇپ، « تويلىشىش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئاتا-ئانا قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتىلىرىگە قارتا تۆۋەندىكىدەك مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  1)پەرزەنتلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىنى قوغداش.

  2)پەرزەنتلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۇل بۆلۇش.

  3) پەرزەنتلەرنىڭ مال-مۇلىكىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش.

  4) پەرزەنتلەرنىڭ مەنپەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ مال-مۇلىكىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش.

  5) پەرزەنتلەرگە ۋاكالىتەن ھەق تەلەپ پائالىيتى قىلىش.

  6) پەرزەنتلەرگە ۋاكالىتەن ئەرىز شىكايەت قىلىش.

  7) پەرزەنتلەر باشقىلارغا زىيان يەتكۇزگەن ئەھۋال ئاستىدا ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئىلىش.

  ئاپتۇر: يىڭشىەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر