باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنى مالىيە، پۇل- مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ

2015.02.28 13:23         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنى مالىيە، پۇل- مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز مالىيەدىن 500 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ ئاجرىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 2 ۋىلايەت، 1 ئوبلاستنىڭ 297 تۈر قۇرۇلۇشىنى قوللىدى. بۇ يىل، «تېز ئۈنۈم بېرىدىغان» تۈرلەر تەدرىجىي ھالدا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋاڭ يەنلۇ مۇنداق دېدى: تۈرلۈك ئامال- چارىلەر بىلەن مەبلەغ جۇغلاپ، تۈرلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. تولۇقلىما بېرىش، قەرز ئۆسۈمىگە ياردەم بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مالىيە مەبلىغىنىڭ پىشاڭلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز، ئىجتىمائىي كاپىتالنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ، مالىيە مەبلىغى بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالدىن بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈر قۇرۇلۇشىنى قوللايمىز. قۇرۇلمىنى تەڭشەش، مال- مۈلۈكلەرنى بىرىكتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پائال مەبلەغ جۇغلاپ، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەردە بالدۇر ئىش باشلاش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.

  تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئاكتىپلىقى زور دەرىجىدە ئېشىپ، زور بىر تۈركۈم كىچىك، مىكرو كارخانىلار بارلىققا كەلدى. ھالبۇكى، كارخانىلارنىڭ تېز تەرەققىياتى قەرز پۇل ئېلىش قىيىن، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇشتەك توسالغۇغا ئۇچراپ، كارخانىلار كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەپ قويدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق پۇل- مۇئامىلە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى مىڭ مۇنداق دېدى: پۇل- مۇئامىلە كەسپىدە تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنى قوللاش توغرىلىق سىياسەت ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بانكا، پۇل- مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنى جىپسىلاشتۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ، كرېدىت جەھەتتە قوللاش سالمىقى زورايتىلىدۇ؛ بانكا نازارەتچىلىكى تارماقلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 2 ۋىلايەت، 1 ئوبلاستقا مايىل بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ھەر قايسى بانكا، پۇل- مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 2 ۋىلايەت، 1 ئوبلاستتا ئاپپارات تەسىس قىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەردە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ھالقىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازارلىرىدا ۋېۋىسكا ئېسىپ، پېيىنى بازارغا سېلىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە يېتەكلەيدۇ. يىغىنغا قاتناشقان مىنشېڭ بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تۇڭ جيالى مۇنداق دېدى: مىنشېڭ بانكىسى بۇنداق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار مىنشېڭ بانكىسىنىڭ مۇتلەق كۈچلۈك تۈرلىرى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بىز كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىغا ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىمىز. بىز نۆۋەتتە توقۇمىچىلىق ساھەسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پىلان تۈزۈپ، پۇل- مۇئامىلە مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار بىر يۈرۈش دوكلاتنى پۈتتۈرۈپ، باش بانكىغا يوللىدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر