باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىجتىمائىي كاپالەت ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلدى

2015.03.02 10:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئىجتىمائىي كاپالەت ئىلمىي جەمئىيىتى 28-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا قۇرۇلدى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي كاپالەت ئىلمىي جەمئىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن، خەلق ئىشلىرى مىنىسىتىرلىقىدا تىزىمغا ئالدۇرغان ، مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئۇنىغڭا ئالاقىدار ساھەدىكى تەتقىقاتچى خادىملار، كەسپىي ئەربابلار ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەشكىللەنگەن مەملىكەتلىك، ئىلمي، پايدا ئالمايدىغان ئىجتىماىي تەشكىلات، جۇڭگو ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ ئىلىم سەھنىسى، نوپۇزلۇق ئەقىل ئامبىرى ۋە روجەك.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي كاپالەت ئىلمي جەمئىيىتىنىڭ پەخرى باشلىقى خۇا جيەنمىن سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىجتىماىي كاپالەت ئىلمىي جەمئىيىتى پۈتكۈل ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمسىدا قاپلانغان مەملىكەت خاراكتىرلىك ئىلمىي جەمئىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەم نەرىزيە تەتقىقاتىدىن ھالقىپ چىققان ئەمەلىي قېلىپقا ئۇنىۋېرسال پىكىر ئالماشتۇرۇش سەھنىسى ھازىرلاپ بېرىدۇ ھەم ئىجتىمائىي كاپالەت نەزىرىيەسى ۋە سىياسەت تەتقىقاتىنىڭ سىستېمىلىقلىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر