باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2014-يىللىق ئېنگلىزتىلى 4-،6-دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسىنى بۈگۈن تەكشۈرگىلى بولىدۇ

2015.02.28 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2014-يىلى 20-دېكابىر، 2014-يىللىق كېينكى يېرىم يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئېنگلىزتىلى 4-، 6-دەرىجە ئىمتىھانى ئېلىنغان ئىدى، ئەمدى بۈگۈن سائەت 9:00دىن كېيىن نەتىجىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ.

  ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇر تورى (www.chsi.com.cn/cet) دىن نەتىجىسىنى ھەقسىز تەكشۈرسە ياكى يانفوندا «A+ئىمتىھان كېنىشكىسى نومۇرى »نى 1066335577گە يوللاپ تەكشۈرسە بولىدۇ، ئۇچۇر ھەققى بىر قېتىملىقى بىر يۈەن.

  نەتىجە تەكشۈرۈش جەريانىدا نەتىجىنىڭ نۆل بولۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا قاتناشمىغانلىقى ياكى ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىش قاتارلىق ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلمىشلار تۈپەيلىدىن بولۇپ، ئەگەر ئوقۇغۇچىلاردا نومۇرغا نىسبەتەن گۇمانى بولسا، نەتىجگ ئېلان قىلىنغان بىر ئاي ئىچىدە نومۇرنى قايتا تەكشۈرۈپ باقسا بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر