باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە شاھزادىسى ۋېليام 3-ئايدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىدۇ

2015.02.28 17:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېينىڭ 25-فېۋرال ئېيتىشىچە، ئەنگىلىيە شاھزادىسى ۋېليام جۇڭگو خەلق دىپلوماتىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 1-مارتتىن 4-مارتقىچە بېيجىڭ، شاڭخەي، يۈننەن قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولىدىكەن .

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 25-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شاھزادە ۋېليام ‹‹ تارىخىي خاراكتېرلىك يىراق شەرق سەپىرى ››گە تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ. بۇ ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى 1986-يىلى جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەندىن كېيىن ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسىنىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا زىيارەتكە كېلىشى ھېسابلىنىدىكەن. ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ساچىر خانىمنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى مەسلىھەتچىسى پوۋېلنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، خان جەمەتىنىڭ زىيارەتكە بېرىشى ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو-ئەنگىلىيە مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، جۇڭگو خەلقنىڭ نەزەرىدە ۋېليام ئەنگىلىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى پادىشاھى، ئۇنىڭ زىيارەتكە كېلىشى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

  توكيو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 26-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، شاھزادە ۋېليام 26-فېۋرالدىن 1-مارتقىچە تۇنجى قېتىم ياپونىيەدە زىيارەتتە بولىدىكەن. بۇ مەزگىلدە ئۇ توكيو 2020-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرىدىكەن، ئاندىن يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلارنى زىيارەت قىلىدىكەن ھەمدە يوكوخاما شەھىرىگە بېرىپ ئەنگىلىيە فېدېراتىپ ئۇرۇشىدا قازا قىلغاننىڭ قەبرىسىگە گۈل تەقدىم قىلدىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە بىلەن ئەنگىلىيە خان جەمەتى پات-پات زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، 2008-يىلى ۋەلىئەھدى چارس رەپىقىسى بىلەن ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغان، لېكىن كەيت خانىش ئېغىر ئاياغ بولغاچقا بۇ قېتىمقى شەرق سەپىرىگە قاتنىشالمايدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، ئۇ 4-ئايدا ئىككىنچى بالىسىنى يەڭگىشى مۇمكىنكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر