باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈندىداردا تارقالغان، جىددى ئەھۋال كۆرۈلگەندە ئائىلىدە ئۆز- ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا ئائىت ئۇسۇللارنىڭ ئىلمى ئاساسى يوق

2015.02.28 13:30         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈندىداردا سالامەتلىكتىن چاتاق چىقىپ، جىددى ئەھۋال كۆرۈلگەندە ئائىلىدە ئۆز- ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا ئائىت ئۇسۇللار مەزمۇن قىلىنغان بۇ يوللانما تېز سۈرئەتتە تارقىتىلىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتتى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يوللانمىنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق كۆردى ھەتتا ئايرىم ئورۇنغا ساقلىۋالدى.

  بۇ يوللانمىدا: بەدەننىڭ يېرىمى تۇيۇقسىز پالەچ بولۇپ قالسا، بۇ مەيلى مېڭىگە قان چۈشۈشتىن ياكى قان توسۇلۇشتىن بولسۇن، ئاغزى ياكى كۆزى مايماق كېتىشتەك ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان، كېسەلنىڭ قۇلاق يۇمشىقىنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قىسمىنى كىيىم تىكىش يىڭنىسى بىلەن تېشىپ، ھەر ئىككى قۇلاقتىن بىر تامچىدىن قاننى سىقىپ چىقىرىۋەتسەك كېسەل شۇ ھامان ساقىيىدۇ ۋە ساقايغاندىن كېيىن باشقا كېسەللىك ئاسارەتلىرى قالمايدۇ؛ ئۇشتۇمتۇت يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالغاندا، كىيىم تىكىش يىڭنىسى بىلەن كېسەلنىڭ پۇتىنىڭ ئون بارمىقىنى ئارقا- ئارقىدىن تىشىپ، ھەر بىر بارمىقىدىن بىر تامچىدىن قاننى سىقىپ چىقىرىۋەتسە، كېسەل شۇ ھامان ھوشۇقىغا كېلىدۇ؛ مەيلى زىققا كېسىلى ياكى بوغۇز ياللۇغى بولسۇن، كېسەل نەپەس چىقىرالماي قىينىلىپ كۆكۈرۈپ كەتكەن بولسا كىيىم تىكىش يىڭنىسى بىلەن بۇرۇننىڭ ئۇچىنى تىشىپ، ئىككى تامچە قارا رەڭلىك قاننى سىقىپ چىقىرۋەتسەك شۇ ھامان ساقىيىدۇ... دېگەندەك بىر قاتار مەزمۇنلار.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىچكى بۆلۈمىدىن، مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ ئادىلجان توختى بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھېچقانداق ئىلمى ئاساسىنىڭ يوقلىقى، ئەكسىچە ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكى، كېسەلنى خەۋپتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولمايلا قالماستىن بەلكى كېسەلنى قۇتقۇزىۋىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئۇنىڭدىن سىرت، ھازىر كىشىلەر ئارىسىدا يەنە يۈرەك تىقىلمىسى كېسىلىنى تىرەك سېلىپ داۋالاش، يەنى كۆۋرۈك سېلىش ئەسلىدە ئىنتايىن قالاق ئۇسۇل ئىكەن. خەلقئارادا بۇ خىل ئۇسۇل ئاللىبۇرۇن شاللىنىپ كىتىپتۇ، دېگەن ئەپقاشتى گەپلەرمۇ تارقىلىپ يۈرمەكتە.

  ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىيە، داۋالاش ئاپاراتلىرىنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. داۋالاش تېخنىكا سەۋىيىسى يۇقىرى دوختۇرلار قوشۇنى تەدرىجى زورايماقتا. كۆپچىلىكنىڭ ھاياتىنى قەدىرلەپ، ئىلمى ئۇسۇلدا تەدبىر قوللىنىپ، كېسەل بولۇپ قالغاندا، يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىنى تەۋەسىيە قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر