باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى قىيىن بولۇش نورمال ھالەتكە ئايلاندى

2015.03.02 10:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  28-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسىتىنى قەرەللىك ئۇقتۇرۇش يىغىنىدا گوۋۇيۈەن دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنسىتىرى ياڭ جىمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىزدە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمى داۋاملىق كېڭىيىۋاتىدۇ، كەسپى ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ، ئىش ھەققى مۇقىم ئېشىۋاتىدۇ، ئەمما دېھقان ئىشلەمچىلەر ئومۇمىي سانى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار سانى ۋە ئىش ھەققىنىڭ ئېشىش نىسبىتى تۆۋەنلىدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشچى قوبۇل قىلىش قىيىن بولۇشتىكى قۇرۇلما خاراكتىرلىك زىددىيەت دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى.

  ياڭ جىمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەنلىشى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشچى قوبۇل قىلىش قىيىن بولۇش تىكى قۇرۇلما خاراكتىرلىك زىددىيەت دائىمىي ھالەتكە ئايلاندى، ئۇ مۇنداق دېدى: دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلشىشى ئومۇني مىقدارى كۆپ بولۇشنى ئاساس قىلىشتىن ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇش، ئىشچى قوبۇل قىلىش قىيىن بولۇشتەك ئىشقا ئورۇنلىشىش زىددىيىتىگە ئۆزگەردى، بۇ ئىككى قىيىن بولۇش بازار تەلىپىنىڭ نەتىجىسى، ئىشچى قوبۇل قىلىش قىيىن بولۇش دېھقان ئىشلەمچىلەر سانىنىڭ چەكلىكلىكى، تېخنىك ئىشچىلىرىنى قوبۇل قىلىش قيىن بولۇش تىپدا بۇرۇلۇش ياساپ، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش جەريانىدا تېخنىكا ماھارەت ئىگىلىكىرىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

  ياڭ جىمىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: كەسپى قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئېشىپ سەرخللىشىشى دېھقان ئشلەمچىلەرنى ماھارىتىنى ئاشۇرۇشقا چاقىردى، نۆۋەتتە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كەسپى ماھارىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىملىقى يەنىمۇ ئاشتى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتىكى ئىستراتېگيەلىك قۇرۇلۇش، شۇنداقلا دېھقان ئىشلەمچىلەرنى يېڭى ھالەتكە ماسلاشتۇرۇش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى جىددى ئىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر