باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا داۋاملىق يېڭى مۆجىزە يارىتىدۇ

2015.03.02 10:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1978-يىلى «جۇڭگو ئىسلاھاتى» ناملىق چوڭ پاراخوت يولغا چىقىپ، مۈشكۈل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا مۆجىزە ياراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ پاراخوت چوڭقۇر دېڭىز رايونىدا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، ئىسلاھات سۈپەت ۋە ئۈنۈمگە دىققەت قىلىدىغان، ئادىللىق ۋە ئومۇمىي مەپەئەتنى قوغلىشىدىغان «ئىككىنچى پەسىل»گە قەدەم قويدى. جۇڭگونىڭ دۇنياغا قوشىۋاتقان تۆھپىسى بارغانسېرى چوڭىيىۋاتىدۇ، دۇنيامۇ جۇڭگونىڭ داۋاملىق مۆجىزە يارىتىشىنى كۈتىۋاتىدۇ.

  2014-يىلى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ياخشى باشلىنىشقا ئىگە بولدى، نۇرغۇن مۇھىم ساھەلەردە زور ئىلگىرىلەشلەر بولۇپ ھەممىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. 2015-يىلى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھىم باسقۇچقا قەدەم قويدى، ئىسلاھات لاھىيەلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە ھەممە دىققەت قىلىۋاتىدۇ.

  چەتئەللەردىكى زاتلارنىڭ ھېسابلىشىچە، يۇقىرى قاتلاملىق لاھىيەنى ۋە ئومۇملۇقنى پىلانلاشنى كۈچەيتىش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى ئىكەن.

  چاغان ئالدىدا، بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسىدە، بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بىزوۋىسكى ۋە ئاخبارات مىنىستىرى ئانانىچى «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا ئېيتقانلىرى» دېگەن كىتابنىڭ رۇسچىسىنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ قالدى، ئۇلار بۇ كىتاب ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلغىلى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆلىنىشىنى چۈشەنگىلى بولىدىكەن دەپ ھېسابلاشتى.

  جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ساھەسىنىڭ كەڭلىكى ۋە بۇنىڭغا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى باشقىلارنىڭ كۆزلىمىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. سىرتتىكىلەر جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ئالاھىدە قىزىقىۋاتىدۇ، شۇڭا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھاتنىڭ «باش مەسئۇلى»نىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى بىلگۈسى كېلىدۇ.

  سىنگاپوردا چىقىدىغان «بىرلەشمە ئەتتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، جۇڭگو ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتقا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرلىقى كىشىنى چۆچىتىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى دۇنياغا نىسبەتەن ياخشى ئۈلگىلىك رول ئوينايدۇ.

  جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى يېڭى ھالەتكە كىردى، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا يېڭى قېلىپ يارىتىلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەتلەرنى ياراتتى. بۇ نۇرغۇن چەتئەللىك زاتلارنىڭ ئورتاق قارىشى.

  2015-يىلى جۇڭگو ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تېخىمۇ جەلپ قىلدى. نۇرغۇن چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى قۇرۇلما تەڭشەش ۋە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سەۋەبلىك سەل ئاستىلاپ قالغان بولسىمۇ لېكىن تەرەققىيات يەنىلا مۇۋاپىق ھالەتتە تۇرماقتا دەپ ھېسابلىدى.

  ئۆتكەن يىلى جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئىگىدارلىقىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى %8 ئېشىپ، ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %7.4لىك ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولدى؛ شەھەر بازارلاردا 13 مىليون 220 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئامېرىكا بولۇمبېرىگ ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو ئىقتىسادى كىشىلەر ئۈمىد قىلىغاندەك تەڭشىلىۋاتىدۇ، كىرىم بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشىنى ساقلىغاندىلا ئاندىن تېخىمۇ مۈشكۈل ئىسلاھاتنى يولغا قويغىلى بولىدۇ.

  2014-يىلى جۇڭگونىڭ چەتئەللەرگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى 16 پىرسەنت كۆپىيىپ، يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە مۇلازىمەتچىلىك ۋە خۇسۇسىي ئىقتىسادى تارماقلار يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. جۇڭگو خۇاۋىي شىركىتى، شۈگۇڭ گۇرۇھى گېرمانىيەدە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، بۇ چەتئەللىكلەرنىڭ جۇڭگونىڭ كاپىتالىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئۈنۈملۈك ئىسپاتلاپ بەردى.

  30 نەچچە يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەتلەر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىن نەپ ئالدى؛ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى سەل ئاستىلىدىغاندىن كېيىن، چەتئەللىكلەر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ھالىتىگە تېز ماسلىشىش ۋە ئۇنىڭ پايدىسىغا ئېرىشىشنى يەنىمۇ ئۈمىد قىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىپ ئەللىرى ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ بىر دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئون يىلدا مۇۋاپىق ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلىشى ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇشقىمۇ پايدىلىق، ھەمدە بۇ لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىدىن نەپكە ئېرىشىشىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

  بۇندىن باشقا «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنىڭ تۈرتكىسىدە يېڭىدىن ئېچىۋېتىش قېلىپى شەكىللىنىپ، يېپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرگە تەڭ گۈللىنىش ئارزۇسى ئاتا قىلدى. 60 قا يېقىن دۆلەت «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا پائال قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى، دۆلەت ئىچىدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تۇتاشتۇرىدۇ.

  2015 -يىلى «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىدىغان بىر يىل، بىر تۈركۈم زور ھەمكارلىق تۈرلىرىدە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى مەبلەغ سېلىش بانكىسى ۋە «يىپەك يولى فوند» نىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئىش باشلىنىدۇ. «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ.

  باش ئورگىنى پارىژغا جايلاشقان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: جۇڭگو يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇھىم ساھەلەردىكى ئىسلاھاتتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشتى. ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، كارخانىلارغا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، مەمۇرىي كۈچلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بولغان ئارىلىشىشنى ئازايتىپ، ئالىي مائارىپنى ئەمگەك كۈچى بازارلىرىنىڭ تەلىپىگە يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ پايدا ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرىنى ئازايتىش كېرەك.

  ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون يېقىندا باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن چاغانلىق زىياپەتتە: «ھازىرقى جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى» ۋە «ئاجايىپ جۇڭگو ھېكايىسى»نى مەدھىلەپ: دۇنيا جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا داۋاملىق يېڭى مۆجىزە يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە تامامەن ھەقلىق دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر