باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئابېيدا تۇرۇشلۇق تىنچلىقنى ساقلىغۇچى قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇزارتتى

2015.02.28 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشى 26-فېۋرال بىردەك قارار ماقۇللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئابېيدا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

  قاراردا سۇدان بىلەن جەنۇبىي سۇداننىڭ ئابېيدىكى بىرلەشمە نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈشى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلىندى. ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ئابېي رايونلۇق مەمۇرىي دائىرىلەر بىلەن پارلامېنتىنى ۋە ئابېي ساقچى ئىدارىسىنى تېزدىن تەسىس قىلىشى تەلەپ قىلىندى. خەۋىپسزلىك كېڭىشى ئالاھىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سۇدان بىلەن جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمەتلىرىنىڭ داۋاملىق ھەمكارلىشىشى، تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسى مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر