باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ . تەڭرىتاغ سەپىرى›› پائالىيىتى باشلاندى

2015.02.13 13:16         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنى ئاچتى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ . تەڭرىتاغ سەپىرى›› پائالىيىتىنى باشلىدى ھەم تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەڭگۇڭتىڭى بىلەن شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ . تەڭرىتاغ سەپىرى›› پائالىيىتى ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىش داۋاملىشىۋاتىدۇ›› پىروگراممىسى، ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ . تەڭرىتاغ سەپىرى›› ئاساسىي قاتلامغا بېرىش ناملىق چوڭ تىپتىكى بىۋاسىتە ئاڭلىتىش پىروگراممىسى، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقاتى توغرىسىدىكى چوڭ تىپلىق پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىش داۋاملىشىۋاتىدۇ›› پىروگراممىسىدا ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار تەشۋىق قىلىنىدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك قائىدە – نىزاملىرىنى چۈشەندۈرۈش مۇھىم مەزمۇن قىلىنىدۇ؛ ئاساسىي قاتلامغا سەپەر ناملىق چوڭ تىپتىكى بىۋاسىتە ئاڭلىتىش پىروگراممىسىدا ھەر ئايدا بىر ۋىلايەت (ئوبلاست)كە بېرىپ، كوچا باشقارمىسى، مەھەللە، يېزا – كەنتلەرگە چۈشۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم رولى تەشۋىق قىلىنىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۈچۈن داغدۇغا پەيدا قىلىنىدۇ؛ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقاتى توغرىسىدىكى چوڭ تىپلىق پائالىيەتتە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەڭگۇڭتىڭى باش بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇھىم تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋە ئۆمىكى تەشكىللىنىپ، قانۇن نازارەتچىلىكى، قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقاتى، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، ھەر يىلى ئون كۈن ئەتراپىدا ۋاقىت ئاجرىتىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات – تەربىيەسى، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ۋە خەۋەر قىلىش مەركەزلىك قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇ يىل ئاساسىي قانۇننى تەشۋىق قىلىش ۋە ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› نى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، ‹‹تويلىشىش قانۇنى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى›› نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى تەكشۈرۈلىدۇ.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقاتى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ھالقا. ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ . تەڭرىتاغ سەپىرى›› پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇ پائالىيەتنى بۇ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، مەخسۇس رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەر قايسى تەرەپلەردىكى بايلىقلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى؛ دائىمىي كومىتېت بەڭگۇڭتىڭى پائالىيەتكە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ھالقىلارنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق، تولۇق ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى بۇ پائالىيەتنى ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىگە كىرگۈزۈپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر