باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنىڭ ئوت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەيدۇ

2014.12.24 08:48         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنىڭ ئوت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەشنى يولغا قويۇش لايىھەسى››نى يولغا قويۇپ، 11 – دېكابىردىن باشلاپ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ساقلانغان ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇپ، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بىر ۋاقىتتا 20دىن ئارتۇق كىشىنى سىغدۇرىدىغان توقۇمىچىلىق، تىككۈچىلىك، ئويۇنچۇق ئىشلەپچىقىرىش، گۆش يېمەكلىكلىرى، كۆكتات، ھۆل، قۇرۇق مېۋە – چىۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاش، ئۆي جاھازىلىرى، ياغاچ ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش، خام ئەشيا، تەييار مال ساقلىنىدىغان ئىسكىلات قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش سېخلىرى، تىجارەت ئورنى ۋە خىزمەتچىلەر كوللېكتىپ ياتىقى مەخسۇس تۈزەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىدىكەن.

  ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈنۈمى، سوۋۇتۇش ئۈسكۈنىسى ۋە تۇرۇبا يولى، قۇرۇلۇشنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى، ئېلېكتىر ۋە گاز ئۈسكۈنىلىرى، توك ئىشلىتىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى مەركەزلىك تەكشۈرۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇشلارنى چېقىپ، رەسمىيىتى تولۇق بولمىغان كارخانىلارنى تاقاپ، زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان كارخانىلارنى ۋىۋىسكا ئېسىپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن.

  جايلار تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل خادىملار، باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى تەشكىللەپ ئوت مۇداپىئە تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىكەن.

  جايلاردىكى ھۆكۈمەت تۇتاش رايون، سانى كۆپرەك بولغان ئوت مۇداپىئە تەكشۈرۈش تەستىقىدىن ئۆتمىگەن كارخانا، زاۋۇت توپىغا قارىتا تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ، شۇنداقلا شەھەرنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، تۈزەش مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزەش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، جايلار ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان بولسىمۇ، قەرەلىدە تۈزەتمىگەن ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ناچار قىلمىشلىرىنى ئېلان قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، شۇ جاينىڭ ئىناۋەت باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزىدۇ، شۇنداقلا تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، سودا – سانائەت، بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، سۇغۇرتا قاتارلىق تارماقلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئىناۋەت باھالاش، تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئاكسىيە ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، بانكا قەرز پۇلى، سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى بەلگىلەشتىكى مۇھىم ئاساس قىلىپ، ئىقتىسادىي پىشاڭ تەدبىرلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەشنى تېزلىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر