باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ليۇ جېي: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك

2014.12.22 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جېيى 18-دېكابىر مۇنداق دېدى: سۆزلىشىش ۋە مەسىلھەتلىشىش ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرگە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى يىغىن ئېچىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىراننى جازالاش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ليۇ جېيى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى سۆھبەتلىشىش ئىجابىي ۋەزىيىتى ئاسان قولغا كەلمىدى، ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەر بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشى كېرەك. كېيىنكى باسقۇچتا مۇھىمى تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، بالدۇرراق ئۆزئارا پايدا يەتكۈزىدىغان ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر