- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئىسرائىلىيە شەرقىي ئېرۇسالىمدا يېڭىدىن 380 يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇشنى تەستىقلىدى
2014.12.25 16:14 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئېرۇسالىم شەھەرلىك پىلان ۋە قۇرۇلۇش كومىتېتى 24-دېكابىر شەرقىي ئېرۇسالىمدىكى يەھۇدىلار مەھەللىسىدە 380 يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي سېلىشىنى تەستىقلىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى 307 يۈرۈش ئۆي ئېرۇسالىمنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى يەھۇدىلار مەھەللىسىدە قۇرۇلىدۇ، 73 يۈرۈش ئۆي خوما تېغىدا قۇرۇلىدۇ. بۇ ئىككى يەھۇدىلار مەھەللىسى ئېرۇسالىمنىڭ يېشىل لىنىيەسى يەنى 1967-يىلدىكى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى ئۇرۇش توختىتىش لىنىيەسىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان.
ئۆتكەن بىر قانچە ئايدا، ئىسرائىلىيە شەرقىي ئېرۇسالىمدا بىر قانچە مىڭ يۈرۈش يەھۇدىلار مەھەللىسىنى قۇرۇپ، پەلەستىن، ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر