باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە تاراتقۇلىرى: چاۋشيەننىڭ تورى يەنە بىر قېتىپ پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى

2014.12.25 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ ئىنتېرنېت تورى شۇ يەر ۋاقتى 23-دېكابىر سەھەر سائەت بىردە پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، 24-دېكابىر ئەتىگەن سائەت نۆلدىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە يەنە بىر قېتىم مۇقىمسىزلىق كۆرۈلگەن، ئارقىدىن پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ ئىنتېرنېت تورىنى تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 24-دېكابىر ئەتىگەن سائەت نۆلدىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە، چاۋشيەننىڭ تۆت تورى بېكىتىدە بىر قانچە سائەت مۇقىمسىزلىق كۆرۈلۈپ، ئارقىدىن پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. گەرچە بىر سائەتتىن كېيىن يۇقىرىقى تۆت بېكەتنى ئاچقىلى بولغان بولسىمۇ، لېكىن تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ تور بېكەتلىرىدە يەنە ئۈزۈلۈپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ھازىر چاۋشيەننىڭ تور بېكەتلىرىنىڭ پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس، چاۋشيەن ھۆكۈمەت ئاگېنتلىقىمۇ بۇ ھەقتە ئىزاھات بەرمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر