- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئىككى بايرامدا ئامانلىق ساقلاشنى كۈچەيتىدۇ
2014.12.25 15:55 مەنبە: خەلق تورى
مۇئاۋىن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى لى ۋېي تۈنۈگۈن ئېچىلغان مەملىكەتلىك جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماقلىرىنىڭ ئىككى بايراملىق جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يىل ئاخىرى ۋە يىل بېشى جىنايى ئىشلار جىنايى ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈز بېرىش يۈزلىنىشىگە قارىتا، ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى زوراۋانلىق، تېررورلۇق، ئېغىر زوراۋانلىق ۋە قارا گۇرۇھلارنىڭ بۇلاڭچىلىق، ئوغرىلۇق، ئالدامچىلىق قاتارلىق تۈرلۈك ئۇشتۇمتۇت يۈز بېرىدىغان جىنايى ئىشلار جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى يىل، چاغاننى خۇشال -خۇرام ، ئۆتكۈزۈشىگە خاتىرجەم ئىجتىمائىي ئامانلىق ساقلاش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: يىل ئاخىرى، يىل بېشى جىنايى ئىشلار جىنايى ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل، ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەشەببۇسكار بولۇپ، ۋەزىپىنى قەيسەرلىك بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، زەربە بېرىپ يول ئېچىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىش كۆرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر