باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم تىلغا ئالغان «تۆت ئومۇميۈزلۈك» نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ

2014.12.17 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 16-دېكابىر تېلېگراممىسى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «شىنخۇا ئوبزورى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا، جياڭسۇ ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىگەن: «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ماس قەدەمدە تېزلىتىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى پەللىگە كۆتىرىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك».

  شۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇكى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «تۆت ئومۇميۈزلۈك» نى ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا شەرھىيلەپ ئۆتتى، ھالبۇكى ئاشكارە خەۋەردە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» نى بىللە ئوتتۇرىغا قويۇشى تېخى تۇنجى قېتىم، بۇنىڭ مەناسى چوڭقۇر.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆتكەن ئاي، فۇنجيەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش» نى ئوتتۇرىغا قويغانىدى، ئەمدى بۇ قېتىم يۇقىرىدىكىدەك «ئۈچ ئومۇميۈزلۈك» ئاساسىدا، يەنە «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش» نى قوشتى.

  «تۆت ئومۇميۈزلۈك» نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى بىلەن، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرى، مۇھىم ساھەلىرى، باش ھۇجۇم يۆنۈلىشى تېخىمۇ روشەنلەشتى، ئىچكى مەنتىقىلىق باغلىنىشى تېخىمۇ ئېنىق بولدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىۋىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ ئومۇمىي رامكىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، كۇنسايىن پىشىۋاتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر