- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئابې شىنزو ياپونىيەنىڭ 97ـ قېتىملىق باش ۋەزىرلىككە رەسمىي سايلاندى
2014.12.25 16:00 مەنبە: خەلق تورى
ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى 24-دېكابىر چوڭ سايلامدىن كېيىنكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ لىدىرى ئابې شىنزو ياپونىيەنىڭ 97-قېتىملىق باش ۋەزىرلىككە رەسمىي سايلانغان. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن ئادالەتچىلەر پارتىيەسى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن 3-نۆۋەتلىك ئابې شىنزو كابىنىتىمۇ ئىشقا كىرىشكەن. ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى كابىنىتتا ئابى شىنزوچە ئىقتىسادشۇناسلىق داۋاملىق يولغا قويۇلىدىكەن ھەمدە يىل ئىچىدە ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ئۈچ تىرىليون ياپونىيە يېنى كۆلەملىك ئىقتىسادنى قوزغىتىش تەدبىرىنى قوللاش بېكىتىلدىكەن، يەنە 2015-يىللىق خامچوت لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىش چىڭ تۇتۇلدىكەن. ئابى شىنزو يەنە كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىش بۇيرىقىنى بىكار قىلىشنى تېزلىتىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇن تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتىنى تېزلىتىشنى ئۈمىد قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر