- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پۇتىن: دۇنيا ۋەزىيىتى م د ب ك ب ت دىن ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا
2014.12.25 16:02 مەنبە: خەلق تورى
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 23-دېكابىر موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيانىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيىتى، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ماسلىشىپ ھەرىكەت قوللىنىپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.
پۇتىن مۇنداق دېدى: كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك مەركىزى سىستېمىسىنى قۇرىدۇ، تۇنجى ئىنسانپەرۋەرلىك مەركىزى كېلەر يىلى ئەرمىنىيەدە تەشكىللىنىدۇ، ئۇندىن كېيىن قىرغىزىستاندا بۇنىڭغا ئوخشاش ئورگان تەشكىللىنىدۇ.پۇتىن يەنە ئافغانىستان ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر