- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئابباس: زۇڭتۇڭ ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى سايلىمىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈش پەلەستىننىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق
2014.12.25 15:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئالجىرىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان پەلەستىن دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئابباس 23-دېكابىر مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى پەلەستىن بىرلا ۋاقىتتا زۇڭتۇڭ ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنىنىڭ سايلىمىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئابباس شۇ كۈنى ئالجىرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش- پەلەستىن خەلقنىڭ ئاخىرقى نىشانى، بىرلا ۋاقىتتا زۇڭتۇڭ ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنىنىڭ سايلىمىنى ئۆتكۈزۈش بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.
ئابباس يەنە مۇنداق دېدى: پەلەستىننىڭ خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش مۇساپىسىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئابباس يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسىنى ئېنىق بېكىتىش، ئىشغالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشقىمۇ ئاخىرقى چەك قويۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر