باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىك كوللېكتىپى قۇرۇلۇشىنىڭ 2014-يىلىدىن 2018-يىلغىچە بولغان پىلان پروگراممىسى ئېلان قىلىندى

2014.12.25 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىك كوللېكتىپى قۇرۇلۇشىنىڭ 2014-يىلىدىن 2018-يىلغىچە بولغان پىلان پروگراممىسىنى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  پىلان پروگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىدىيىۋى ئىشەنچىنى چىڭىتىشنى 1-ۋەزىپە قىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش تەربىيىلەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيىۋىلىك ۋە پارتىيە ئىستىلى تەربىيىسىنى كۈچەيتىش لازىم. پارتىيە ئىنتىزامى بولۇپمۇ سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ياخشى سىياسىي ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش لازىم. مۇھىم نۇقتىنى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئىسلاھات تەرەققىيات مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە قارىتىپ، ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت ، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك تۈزۈلمىسى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەربىيىلەش؛ پارتىيىنى بەلگىلىمە ئارقىلىق باشقۇرۇش ، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەربىيىلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتى داۋامىدا كادىرلارنى تەربىيىلەش ۋە چېنىقتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش لازىم. ئىستىلنى نورماللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆت ناتوغرا ئىستىلغا قارشى تۇرۇش تۈزۈم بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىك يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى تاللاش سەرخىللىرىنى سەپلەشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدىغانلارنى تەربىيىلەش تاللاپ ئىشقا قويۇشنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ مۇۋاپىق ياش قۇرۇلمىسىنى ساقلاپ ،رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ بىلىمى كەسپىي ئوقۇش تارىخى قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش لازىم. ئايال كادىرلار، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرى بولمىغان كادىرلارنى مۇۋاپىق سەپلەش كېرەك. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈرلۈك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچى سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش يېتەرلىك بولماسلىق، توغرىنى مەركەزلەشتۈرۈش يېتەرلىك بولماسلىق، تەنقىدنى قانات يايدۇرۇش يېتەرلىك بولماسلىق، قاتتىق ئىنتىزام يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك.

  پىلان پروگراممىسىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيىنى قاتتىق تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ قوشۇنغا باشلامچىلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كادىرلارغا قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق تەلەپ قويۇپ، قاتتىق تەدبىر ئارقىلىق كادىرلارنى باشقۇرۇپ، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق كادىرلارنى تىزگىنلەپ، ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، دائىملىق باشقۇرۇش نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ تەھلىل قىلىش تەتقىق قىلىش ھۆكۈم قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش لازىم. مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغان، رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، ناتوغرا ئىستىللارنى ئەۋج ئالدۇرغانلارغا قارىتا مەسئۇلىيىتى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر