باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەلۇماتتا دېيىلىشىچە 90-يىلدىن كىيىن توغۇلغانلار «ئۆي سېتىۋالمايدىغان بىر ئەۋلاد»لاردىن بولۇپ قالىدىكەن

2014.12.25 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ «جەمئىيەت كۆك رەڭلىك كىتابى: 2015-يىللىق جۇڭگونىڭ جەمئىيەت ۋەزىيىتى تەھلىلى ۋە مۆلچەرى» ناملىق كىتابى بېيجىڭدا تارقىتىلدى. بۇ كۆك رەڭلىك كىتابنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن قارىغاندا، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر يىلدىن كىيىن، تەخمىنەن%30 90-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار 20 كۋادرات مېتىرغا يەتمەيدىغان تۇرالغۇدا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆي قۇلى بولۇشتىن تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاشنى بەكرەك خالايدىكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆز قىممىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان 90-يىلدىن كېيىنكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئۆي سېتىۋالمايدىغان بىر ئەۋلاد»لاردىن بولۇپ قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

  بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 12 ئالىي مەكتەپتىكى 4110 نەپەر ئوقۇغۇچى قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 90-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغانلار 2730 نەپەر، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياكى خىزمەتكە چۈشۈپ بولغان 90-يىلدىن كېيىن توغۇلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 1380 نەپەر ئىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر