باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ يەندۇڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى تەكىتلىدى

2014.12.25 15:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم لىنىيە قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇشتەك ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى ۋە مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى توغرا ئىگىلەپ، جۇڭگوچە مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرا يولىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى ۋە سىڭىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ مىللەتلەرنىڭ مەنىۋى ئائىلىسىنى بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، مىللەتلەر خىزمىتى سېپى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى،جىددىيلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يولىغا چۈشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى مىلەتلەرنىڭ جانى-جان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان زور خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىشى، ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنىڭ شەھەرلەرگە كىرىشىگە ئالاقىدار مۇلازىمەت، باشقۇرۇش ۋە تەربىيە خىزمىتىنى پائال ئوبدان قىلىشى كېرەك. كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر