باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2014.12.25 14:49         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنى 22 – دېكابىردىن 23 – دېكابىرغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، 2014 – يىللىق يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتى يەكۈنلىنىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى، كېلەر يىللىق ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇ قېتىمقى مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىپ، كېلەر يىللىق يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەلەپلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىنغا يەنە ج ك پ سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى مۇھىت، شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك باشقۇرۇش سەۋەبىدىن جۇغلىنىپ قالغان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەر تەدرىجىي گەۋدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ داۋاملىق سىجىل تەرەققىي قىلىشى مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلدى. ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئىمپورت باھاسىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىدى. يېزا ئىگىلىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، تېرىلغۇ يەر، تاتلىق سۇ قاتارلىق بايلىقلاردا جىددىيلىك كۆرۈلدى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ تەلىپى بويىچە، جۇڭگوچە يېڭىچە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، يەرنىڭ ھاسىلات ئۈنۈمى، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۈجۈپىلىك تەرەققىيات ۋە سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى ۋە تىرىكى، نۆۋەتتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم، قىيىن نۇقتىلىرى يەنىلا يېزىلاردا. ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە قەدەم قويدى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دېھقانلاردىن ئىبارەت ئەڭ چوڭ توپنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قازغاندا ئىستېمالنىڭ ئاساسىي رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى ۋە جامائەت مۇلازىمىتى ئارقىدا قالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا زور مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلىدۇ، مۇشۇ بوشلۇقتىن ياخشى پايدىلانغاندا، مەبلەغ سېلىشنىڭ ھالقىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنى زورايتقاندا، نۇرغۇن يېڭى كەسىپ، يېڭى ھالەت، يېڭى ئەندىزىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇرلار تەكىتلەندى: يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىقتا ئاساسەن ئۆز – ئۆزىمىزنى تەمىنلەشكە، ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىرىنچىدىن، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمىنى تىرىشىپ تېزلىتىش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، پەن – تېخنىكىغا تايىنىشنى تىرەك قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكلەشنى ئىستېمال قىلىشقا يېتەكلەشكە ئۆزگەرتىپ، نوقۇل ھالدا تېرىقچىلىق قىلىشنى پۈتكۈل زېمىن بايلىقىغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچەپ، ئەۋزەل رايون قۇرۇلمىسى ۋە كەسىپلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدە كەسىپ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرى قاتارلىق زامانىۋى كەسىپ تەشكىللەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، 1 –، 2 –، 3 – كەسىپنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەمدىكى ئىگىلىكنى پائال راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. بۇ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ ئاڭلىق تاللىشى. يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ تەرتىپلىك يۈرگۈزۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەر خىل يېڭىچە يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش سۇبيېكتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشنى قەتئىي چەكلەش كېرەك. مۇۋاپىق كۆلەمدىكى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، كۆپ خىل ئۇسۇل قوللىنىشتا، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ۋە ئاممىنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قايتا – قايتا ئىزدىنىشىگە يول قويۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە سىياسەتلىرىگە، ئىسلاھات يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن بولسا، دېھقانلار قارشى ئالسىلا، مەيلى قانداق ئۇسۇل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوللاش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، بايلىق تېجەيدىغان، مۇھىت سۆيەر يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. تەدبىر – چارىلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ھەددىدىن زىيادە سېلىنما سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بايلىق ۋە مۇھىتنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىشلەپچىقىرىشتىن تەدرىجىي ۋاز كېچىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى تاشلاندۇقلاردىن ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۈپەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەر ۋە سۇ بايلىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. تۆتىنچىدىن، يېزا ئىگىلىك سىياسىتى ۋە مەبلەغ سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. مالىيە كۈچى قانچىلىك جىددىي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىنى كېمەيتمەستىن، بەلكى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە بىرىكتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە مەبلەغ سېلىش، يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پۇل مۇئامىلە جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بەشىنچىدىن، ئىككى بازار، ئىككى بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. خەلقئارا يېزا ئىگىلىك تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تاشقى ھەمكارلىق شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈشنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا بولغان تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ‹‹ئۈچ 100 مىليون كىشى›› مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، شەھەرلەر ئارقىلىق يېزىلارنى يېتەكلەش، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، شەھەرلەردىكى زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى يېزا ئىگىلىكىگە، يېزىلارغا يۈزلىنىشكە يېتەكلەپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى پائال ھەم پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ماددىي بۇيۇمنى ئاساس قىلغان يېڭىچە يېزا ۋە ئادەمنى ئاساس قىلغان يېڭىچە يېزا قۇرۇشنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نامراتلىققا داۋاملىق جەڭ ئېلان قىلىپ، رايونلاشتۇرۇپ ئېچىش بىلەن نامراتلارنى ھەر جەھەتتىن يۆلەشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىجاد قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشتىكى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كۆپچىلىك ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشتەك يېڭى جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى تۇراقلىق ھالەتتە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ سىرتقى مۇھىتى ۋە ئىچى قىسمىدا يۈز بەرگەن چوڭ – چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا پۇرسەتنى تۇتۇشقا، ئوڭۇشسىز ئەھۋالدا شارائىت يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، يېڭى يوشۇرۇن كۈچنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، يېڭى ئەۋزەللىكلەرنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى بوشلۇقنى كېڭەيتىش كېرەك. ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، كېلەر يىللىق يېزىلارنى ئىسلاھ قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداش كېرەك. قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدا لايىھەلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتتا ئىلگىرىلەشكە، نەتىجە قازىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىغا بىرلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىگە، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىغا ياخشى باشلامچىلارنى تاللاپ، ياخشى ئىشلىتىپ ۋە باشقۇرۇپ، يېزا ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەتچان پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر