- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ب د ت: تېررورىزم بىلەن دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەت ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ
2014.12.25 16:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى فىرىدمان يېقىندا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورىزم ۋە دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى ھەققىدىكى ئاشكارا يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېررورىزم بىلەن دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەت كۈنسېرى بىرلىشىپ، دۆلەت، رايون ۋە پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت پەيدا قىلماقتا، خەلقئارا جەمئىيەت ھەمكارلىشىش سالمىقىنى كۆپەيتىپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى بىر قارار ماقۇللاپ، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن نەپ ئالغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلەت بولۇپمۇ باشقا بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق، تەرتىپكە سېلىش، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا زىيان يەتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر