باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېكىتىش تىزىملاش كىنىشكا تارقىتىش سىنىقى يەنىمۇ كېڭەيتىلىدۇ

2014.12.25 11:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىكى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى ئېلىمىزنىڭ يەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېكىتىپ تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش سىنىقى يەنىمۇ كېڭەيتىلىدىكەن. يەنە سەككىزدىن 10غىچە ئۆلكىدە سىناق قانات يايدۇرىلىدۇ، باشقا ئۆلكىلەردە ھەر بىر ۋىلايەت ، شەھەردىن بىر ناھىيەنى تاللاپ ناھىيە بويىچە سىناق قانات يايدۇرۇلىدىكەن.قاپلىنىدىغان كۆلەم تەخمىنەن 500 مىليون موغا يېتىدىكەن.مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان يەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ كېلەر يىلى بېكىتىلىدىغانلىقى ۋە كىنىشكا تارقىتىلىدىغانلىقدىن ، كەلگۈسىدە يەر ئوبوروتى تېخىمۇ راۋانلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا تەرەققىيات ئىنىستېتوتىنىڭ پروفېسسورى جېڭ فېڭتيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېزىلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەمەلىيەتتە يېزىلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىك خاراكتېرلىق قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر بىر پارچە سېمىز گۆش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدىغان بازارغا كىرىش ئىسلاھات سىنىقى بۇ كوللېكتىپ ئىگىلىكنى ئەڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە مۈلۈككە ئايلاندۇرىدۇ. ھەمدە قىممىتىنى زورايتىدۇ. كوللېكتىپىنىڭ دېھقانلارنىڭ ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئىگىلىۋېلىش غەرىزىدە بولىشىغا دىققەت قىلىش لازىم. شۇڭا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم.دېھقانلارنىڭ ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش لازىم. ئەمەلىيەتتە يەر تۈزۈمىگە ئالاقىدار ئىسلاھات پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئېنىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھازىرقى مۇھىم ئىش. بۇنىڭ ئىچىدە ھازىر ھۆكۈمەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە يېزىلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى ئىسلاھاتتىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇش شەكلى بىلەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر