- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كېلەر يىلى1–يانۋاردىن باشلاپ قىسمەن تاموژنا بېجى تەڭشىلىدۇ
2014.12.24 08:43 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشى ھەم گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2015 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ دۆلىتىمىز ئىمپورت – ئېكىسپورت تاموژنا بېجىنى قىسمەن تەڭشەيدۇ.
2015 – يىلى ئىمپورت – ئېكسپورت تاموژنا بېجىدىكى قىسمەن باج كاتولىكى تەڭشىلىدۇ. تەڭشەلگەندىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ باج نىزامىدىكى باج كاتولوكىنىڭ ئومۇمىي سانى 8277 دىن 8285 كە كۆپىيىدۇ.
مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيەشۇناسلىق ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەي جىڭمىڭ مۇنداق دېدى: قىسمەن ئىلغار ياسىمىچىلىق تۈرلىرى بىلەن ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشقا كېرەكلىك ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە پايدىلىق. قاندىكى ياغ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلار، فوتو ئاپپارات لىنزىسى قاتارلىق ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش خەلقنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشقا پايدىلىق.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر