باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە 1 مىليارد 100 مىليون كىشى تاماكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئىقتىسادىي چىقىم 200 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى

2014.12.22 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 21-دېكابىر تېلېگراممىسى. دۇنيا بويىچە تاماكا چېكىدىغان قىرانلارنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، دۆلىتىمىزدە ھازىر 15 ياشتىن يۇقىرى بەڭگىلەر 356 مىليونغا يەتكەن، تاماكىدىن ئىسلىنىدىغانلار 738 مىليونكەن. بۇ 1 مىليارد 100 مىليون كىشىنىڭ تاماكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنى مۇخبىرىمىز يېقىندا باشلانغان «جۇڭگو كارخانىلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئارىسىدا تاماكىنى كونترۇل قىلىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش تۈرى» پائالىيىتىدە ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇماتلار.

  جۇڭگو كېسەل كونترۇل مەركىزى تاماكا كونترۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جياڭ خېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدە 35 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان تاماكا مەنبەلىك كېسەل ئۈچ خىل بولۇپ، ئۇلار راك، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىرى ۋە نەپەسلىنىش يولى كېسەللىرى، مۇشۇ كېسەلدىن پەيدا بولغان ئىقتىسادىي يۈك 223 مىليون 700 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. دۆلىتىمىز ئەتىراپلىق، ئۇزاق مۇددەتلىك، ئۈنۈملۈك تاماكا كونترۇل قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەك. تاماكا تاشلاتقۇزۇش نىزامىنى تۈزۈش جەزمەن قوللىنىشقا تېگىشلىك تەدبىر، شۇنداقلا باسقۇچقا ۋە كىشىلەر توپىغا قاراپ تەدرىجىي يولغا قويۇش جەزمەن قوللىنىشقا تېگىشلىك يولدۇر.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر