- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مېركېل رۇسىيە بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىك خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى
2014.12.22 15:29 مەنبە: خەلق تورى
گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل 18-دېكابىر مۇنداق دېدى: گېرمانىيە رۇسىيە بىلەن بىرگە خەلقئارا بىخەتەرلىك خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىسى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى كېرەك، گېرمانىيە رۇسىيە بىلەن بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋەت پىرىنسىپىنى قوغدايدۇ. مېركېل شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا ھۆكۈمەت باياناتى ئېلان قىلىپ، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى پىلانىنىڭ مۇزاكىرە قارالمىسىنى شەرھلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق قانۇن ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئورنىتىلغان، گېرمانىيەنىڭ نىشانى قارشىلىشىش بولماستىن بەلكى ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىش؛ گېرمانىيە رۇسىيە بىلەن بىرگە خەلقئارا بىخەتەرلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر