- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كامېرون قىسمى بوكو ھەرەم قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى مەغلۇب قىلدى
2014.12.22 15:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كامېرون ئارمىيە دائىرىلىرى مۇنداق دېدى: 17-دېكابىر چۈشتىن كېيىندىن 18-دېكابىر سەھەرگىچە بىخەتەرلىك قىسمى ئەڭ شىمالدىكى رايوندا ئۈچ مىڭدەك قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ ھۇجۇمىنى مەغلۇب قىلىپ، ئاز دېگەندىمۇ 116 ئۇنسۇرنى ئېتىۋەتتى. بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارىنىڭ 18-دېكابىر ئىسپاتلىشىچە، بوكو ھەرەم تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى دەپ گۇمان قىلىنغان قوراللىق ئۇنسۇرلار شۇ يەر ۋاقتى 17-دېكابىر سائەت 16 دە، ئەڭ شىمالدىكى رايون بىلەن نىگېرىيە تۇتىشىدىغان ئامشىد ۋە لىمانىدا بىخەتەرلىك قىسمىغا ھۇجۇم قوزغىغان، ئىككى تەرەپ ئېتىشقان، ئېتىشىش 18-دېكابىر سەھەردە ئاياغلاشقان. ئىگىلىنىشىچە، بوكو ھەرەم قوراللىق ئۇنسۇرلىرى يېزا قىشلاقلارغا ھەمىشە ھۇجۇم قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بۇلاڭ تالاڭ قىلىدىكەن، بەزىدە ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر