- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا، پويىز بېلىتى بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 9 مىليون 500 نەچچە مىڭ دانە سېتىلدى
2014.12.22 16:17 مەنبە: خەلق تورى
2015-يىللىق چاغانلىق يولوچى توشۇشتا، پويىز بېلىتى ئەڭ سېتىلغان بىر كۈن پەيدا بولدى، يەنى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى پويىز بېلىتى سېتىلدى. «12306» تور پونكىتىنى زىيارەت قىلىش مىقدارى (PV قىممىتى) 29 مىليارد 700 مىليون قېتىمغا يەتتى. شۇ كۈنى 9 مىليون 564 مىڭ پويىز بېلىتى سېتىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 5 مىليون 639 مىڭ دانىسى توردا سېتىلدى، بۇ %59 نى ئىگىلەپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا يېڭى رېكورت يارىتىلدى.
12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئالاقە تورىدا 4 مىليون 577 مىڭ پويىز بېلىتى سېتىلدى، 12-ئاينىڭ 21-كۈنى 4 مىليون پويىز بېلىتى سېتىلىشى مۇمكىن. چاغاندىن بۇرۇنقى بېلەت سېتىش يۇقىرى پەللىسى ئۆتۈپ كەتتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر