باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا مالىيە – باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى

2014.12.24 08:44         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مالىيە – باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان، بۇنىڭدىكى نۇقتىلىق ئۈچ چوڭ ئىسلاھات مەزمۇنى خامچوت باشقۇرۇشنى ياخشىلاش، باج تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خىزمەت ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ئىبارەت بولۇپ، قاتلام، قەدەم – باسقۇچ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن. 2016 – يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز مالىيە – باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ بولىدىكەن؛ 2020 – يىلىغا بارغاندا، تۈرلۈك ئىسلاھاتلار ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلىشىپ، زامانىۋى مالىيە – باج تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ بولىدىكەن.

  9 – ئاينىڭ بېشىدا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <مالىيە – باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى>نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، مالىيە – باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۈچ جەھەتتە 45 تۈرلۈك مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما بېكىتىلىپ، مالىيە – باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشانى، ۋەزىپىسى، ئاساسىي تەدبىرلىرى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مالىيە – باج ئىسلاھاتى ۋە تۈزۈم، سىياسەتكە دائىر بىر قاتار يېڭى، مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، بۇ يېڭى ۋەزىيەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مالىيە – باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مالىيە – باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىي تەپەككۇرى قانۇن – نىزام چىقىرىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە – باجغا دائىر قانۇن – نىزام، تۈزۈم ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيەنىڭ تەقسىمات مۇناسىۋىتى ۋە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مالىيە ھەرىكىتىنى قانۇن ئىدارە قىلىش يولىغا ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈش؛ خىزمەت ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون ۋە جايلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەش ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، باج تۈزۈمى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، راسخوتنى ئېنىقلاپ، باجنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى تەرتىپكە سېلىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، باجنىڭ مالىيە كىرىمىنى غەملەش ئاساسىي يولىلىق رولىنى كۈچەيتىش؛ خامچوتنى ئېنىق قىلىپ، ئاشكارا ھۆكۈمەت، مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەت بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، خامچوت، نەقچوتتا ئاشكارا بولۇشنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇلغان خامچوتتا ئاشكارا بولۇش تۈزۈمىنى تەدرىجىي يولغا قويۇش؛ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، خامچوت نەتىجە – ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مالىيە – باج مەبلىغىنى نازارەت قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ بىخەتەرلىكى، قېلىپلىشىشى ۋە ئۈنۈملۈكلىكىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.

  مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خامچوت تۈزۈمى ئىسلاھاتى 2014 –، 2015 – يىللىرى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، ئاچقۇچلۇق ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈشى؛ باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىدا روشەن ئىلگىرىلەش بولۇشى؛ خىزمەت ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇلغان تۈزۈم ئورنىتىشتا، مەركەز بىلەن يەرلىك ئاساسىي جەھەتتىن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى كېرەك. 2016 – يىلى مالىيە – باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاش كېرەك. 2020 – يىلى تۈرلۈك ئىسلاھاتلار ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، زامانىۋى مالىيە – باج تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر