خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ22-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:21-دېكابىر، سايلىغۇچىلار ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدىكى 158-نومۇرلۇق بىلەت تاشلاش پونكىتىدا بىلەت تاشلىدى.
شۇ كۈنى ئۆزبېكىستاندا قانۇن پالاتاسى سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ قېتىمقى سايلامدا 150 نەپەر تۆۋەن پالاتا پارلامېنت ئەزاسى مەيدانغا كېلىدۇ. ئۆزبېكىستان 2005-يىلىدىن باشلاپ پارلامېنت كېڭەش پالاتاسى بىلەن قانۇن پالاتاسىدىن ئىبارەت ئىككى پالاتالىق تۈزۈمنى يولغا قويغان. كېڭەش پالاتاسىدا 100نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بار، قانۇن پالاتاسىدا 150نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بار، ئىككى پالاتانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 5 يىل.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى