باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوقۇش تەۋەلىكى بوش قېلىش خاھىشى ئېغىر بولماقتا

ئىچكى موڭغۇل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەنلىرىنى ئېنىقلىدى

2014.12.22 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېزىتىمىز، كۆكخوت، 21-دېكابىر تېلېگراممىسى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كۆكخوت شەھىرىنىڭ مائارىپ تارماقلىرى يېقىندا ئاممىنىڭ پاش قىلىش يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئىككى پۇقراۋى ئوتتۇرا مەكتەپنى تۇيۇقسىز تەكشۈرگەن، تەكشۈرۈشتە بايقالغان، كىملىكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا تەۋە بولمىغان 690 ئوقۇغۇچىنىڭ 590 نى شۇ مەكتەپتە ئوقىمايدىكەن، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى بوش قالغان، مۇناسىۋەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش-ئىمتىھان ئېلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى خەن رۇڭفېي ئانالىز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نومۇر چېكى تۆۋەنرەك، قاتناش قولايلىق بولۇش قاتارلىق ئاممىللارنىڭ تەسىرىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان كۆچمەنلىرى كۆپىيىپ كەتتى. تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەنلىرى ئاساسلىقى نوپوسىنى ئىچكى موڭغۇلدىكى مەلۇم خوشۇت-ناھىيىگە يۆتكەپ، ئاندىن باشقا خوشۇت-ناھىيەدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە يالغان ئوقۇش تەۋەلىكى بېجىرىش ۋە ئوقۇش تەۋەلىكىنى بوش قويۇشتەك ئۇسۇللارنى قوللانغان، ئۇلار ھەر قېتىملىق ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىش قاتارلىق مۇھىم مەزگىللەردە ئىچكى موڭغۇلغا قايتىپ كېلىپ ئىمتىھانغا قاتناشقان، باشقا چاغلاردا ئەسلى تەۋەلىكىدە ئوقىغان. بۇنداق قىلمىشنى سادىر قىلغانلارنى تىپىك ئالىي مەكتەپ كۆچمەنلىرى دېيىشكە بولىدىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر