خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ22-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەلىكەم):20-دېكابىر، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر نەسىر ئىجادىيىتى تەتقىقات يىغىنى» بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئازات سۇلتان، مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاڭ شياۋچىڭ، تەتقىقاتچى لاڭ يىڭ، جۇڭگو مىللەتلەر تىل ۋە ئەدەبىيات تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالىم سابىت،« مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ مۇئاۋىن مەسئۇل مۇھەررىرى جاۋ يەنبياۋ، ئاتاقلىق نەسىرچى، يازغۇچى ئەخمەت ئىمىن بىلەن بەگمەت يۈسۈپ قاتارلىقلار تەتقىقات يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى، ئىجادىيەت نەتىجىسى، ئەۋزەللىكى ۋە مەۋجۇت بولغان مەسىلە توغرىسىدا چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى. يەنە ئەخمەت ئىمىن بىلەن بەگمەت يۈسۈپنىڭ نەسىر ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئاساسلىق مۇھاكىمە قىلدى. ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، جەمئىيەتكە ماسلىشىپ، دەۋر بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەپ، توختىماي يېڭىلىق يارىتىپ،نادىر نەسىرلەرنى ئىجاد قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى. تەتقىقات يىغىنىغا مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنى شىمالىي رايون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئادىل جۈمە تۇردى رىياسەتچىلىك قىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى