باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن «تۆتتە ياخشى ئەر» مەمەت ئەمەت(1)

مەملىكەتلىك ئىلغار پىشقەدەم كادىر باشقىلارغا ئۈن-تىنسىز ئىللىقلىق يەتكۈزمەكتە

2014.12.22 18:37   مەنبە: خەلق تورى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن «تۆتتە ياخشى ئەر» مەمەت ئەمەت(1)

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى ( مەدىنۇر ئەخمەت خەۋەر قىلىدۇ) بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن مەمەت ئەمەت ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ پىنسىيىگە چىققان پىشقەدەم پارتىيە ئەزاسى.11-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېچىلغان مەملىكەتلىك پىنسىيەگە چىققان ئىلغار كادىرلار كوللىكتىۋى ۋە ئىلغار شەخىسلەرنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا، مەمەت ئەمەت مەملىكىتىمىزدىكى 450 نەپەر ئىلغار پىشقەدەم كادىرلىرىغا ۋاكالىتەن مەركىزى كومىتېتىتنىڭ شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەملىكەتلىك ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن شىنجاڭ باج سېستىمىسىدىكى بىردىنبىر ۋەكىل ھېسابلىنىدۇ.

  «11-ئاينىڭ 18-كۈنى دۆلەتلىك باج ئىدارىسىدىكى بىر يولداش بىر پارچە ھۆججەتنى كۆتۈرگىنىچە مېنىڭ مەملىكەتلىك ئىلغار پىشقەدەم كادىر شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىمنى ۋە بېيجىڭغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى ئالغىلى بارىدىغانلىقىمنى ئۇقتۇردى. شۇ چاغدا مەن ئۆز قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالغان ئىدىم، كېيىن بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن خوشاللىقىمدىن كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم» دېدى مەمەت ئەمەت ئەينى ۋاقىتتىكى ھاياجانلىق مىنۇتلارنى يادىدىن ئۆتكۈزۈپ. بۇنداق زور شان-شەرەپ مەمەت ئەمەتنى چەكسىز بەخت ئىلكىگە چۆمۈرلدۈردى، ئەزەلدىن كۈندىلىك خاتىرە يازمايدىغان مەمەت ئەمەت تۇنجى قېتىم قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئىچكى ھېسىياتلىرىنى خاتىرىلەشكە باشلىدى :«مەن خەلق يىتىشتۈرگەن پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىلا قىلدىم. قىلغان ئىشىم ئۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ پارتىيە، ھۆكۈمەت ماڭا بۇ شەرەپنى بەردى، مەن بۇ شان-شەرەپنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ زور نەتىنجىلەرنى يارىتىشقا تىرىشىمەن. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ ئۆمرىمنىڭ ئاخىرىغىچە ياخشى ئىشلەيمەن».

  كۆيۈمچان ياخشى «ئوغۇل»

  1996-يىلى كەلپىن ناھىيەلىك دۆلەتلىك باج ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مەمەت ئەمەت گەزلىك يېزا پاسۇن كەنتىگە ھال سوراشقا چۈشكىنىدە ناھايىتى كونىراپ كەتكەن كەپە ئۆينىڭ ئالدىغا ئۆتۈنۈش نەزىرى بىلەن ئۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغان بىر موماينى بايقايدۇ. مارت ئايلىرىنىڭ سوغوقلىرىدا موماي ناھايىتى يېلىڭلا كىيىنىۋالغانىدى. مەمەت ئەمەت قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلىكلەردىن ھال سوراپ ئۆيگە قايتقان بولسىمۇ بىراق موماينىڭ ئىلتىجالىق كۆزلىرى ئۇنىڭ خىيال ئېكرانىدىن يىراق كەتمىگەن شۇنداقلا بىر كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۇنى گەزلىك يېزىسىغا بېرىپ موماينى ئىزدەشكە دەۋەت قىلغان، ئۇ كەينىگە يېنىپ موماينى ئىزدەپ تاپقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ياندۇرۇپ ئېلىپ كەلگەن. مەمەت ئەمەتنىڭ ئايالى تۇرسۇنخان باۋدۇن موماينى يۇيۇندۇرۇپ، قورسىقىغا تاماق قىلىپ بەرگەن.

  يېشى 80دىن ھالقىغان تۇردىخان ئەمەر موماي ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىپ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغىنىچە مەمەت ئەمەتكە ئۆزىنىڭ يولدىشىنىڭ بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەنلىكى، ھېچقاندا يار-يۆلەكسىز ئىكەنلىكىنى، ئۆي، بالا-چاقىلىرىنىڭمۇ يوقلىقىدىن ھۆكىمەتكە ۋە يېزدىكى كىشىلەرنىڭ ئاز تولا ياردىمىدە تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق سەزگۈرەشلىرىنى بايان قىلىپ، يىغلاپ تۇرۇپ ئۇلاردىن ئۆزىنى بۇ ئۆيدە ئېلىپ قېلىشنى ئۆتۈنگەن». مەمەت ئەمەت مومايغا قاراپ ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ۋاپات بولغان ئانىسى يادىغا كەلگەن شۇنداقلا ئايالى بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق بۇ موماينى ئۆيىدە ئېلىپ قالغان. ئەينى ۋقىتتا مەمەت ئەمەتنىڭ 7 پەرزەنتى ئارقا- ئارقىدىن دادىسىغا:« دادا ئۆيىمىز شۇنداق كىچىك، جان سانى كۆپ، ئاپامنىڭ خىزمىتى يوق، بىز ئوقىۋاتساق سىزنىڭ ئازغىنە مۇئاشىڭىزغا تايىنىپ ئاران تۇرمۇش كەچۈرىۋاتساق ئەمدى بۇ موماينى ئەكىۋالغىنىڭىز نېمىسى» دېگىنىدە، مەمەت ئەمەت قەتئىيلىك بىلەن بالىلىرىغا مۇنداق دېگەن: «بۇ سىلەرنىڭ چوڭ ئاناڭلار، مېنىڭ ئاپام، مەيلى تۇرمۇشىمىز قانچىلىك قىيىنچىلىقتا ئۆتىشىدىن قەتئىينەزەر بىز بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئۆز-ئارا ھالىمىزدىن خەۋەر ئېلىشىمىز كېرەك، بىز دېگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى». مەمەت ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئايالى تۇردىخان موماينىڭ ھالىدىن خۇددى ئۆز ئانىسىدەك 19 يىل خەۋەر ئالغان. بۇ جەرياندا موماينىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ھەرخىل ئەگەشمە كېسەلىكلەر بايقالغاندا يەنە ئۆز يېنىدىن پۇل ئاجىرىتىپ موماينى داۋالاتقان. موماي مەمەت ئەمەتكە ئۇچىرىغاندىن بۇيان تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، كېيىنكى ئۆمرىنى بەخت ئىچىدە ئۆتكۈزىۋاتاتتى.

  2013-يىلى مەمەت ئەمەتنىڭ ئايالى ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، ئەينى ۋاقتىدا بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكەن مەمەت ئەمەت تۇردىخان موماينىڭ ھالىدىن داۋاملىق خەۋەر ئېلىشقا ئامالسىز قېلىپ، موماينى ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىغا ئاپىرىپ بېرىشنى قارار قىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان مەمەت ئەمەتنىڭ پەرزەنتلىرى دادىسىغا «دادا، شۇنچە كۆپ يىللاردىن بۇيان تۇردىخان موماممۇ ئۆزىمىزنىڭ چوڭ ئانىسىدەكلا بولۇپ قالدى، سىز خاتىرىجەم ئاپامنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىپ كېلىڭ، مومامنىڭ ھالىدىن بىز خەۋەر ئالىمىز»دېگەن. ئايالىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىۋاتقان مەمەت ئەمەت، ئۆيىگە كۈندە تېلفۇن بېرىپ موماينىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرغان، شۇنداقلا بالىلارغا موماينىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشنى ئېيتقان.ۋاپادار ياخشى ئەر

  2006-يىلى مەمەت ئەمەتنىڭ ئايالى تۇرسۇنخان باۋدۇننىڭ قورسىقى بىئارام بولۇپ ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈتۈپ ئۆيىدە دورا يەپ ئاغرىق توختاتقان. 2013-يىلىغا كەلگەندە تۇرسۇنخان باۋدۇننىڭ كېسىلى ئېغىرلاپ شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسدا تەكشۈرۈتكەندىن كېيىن بالياتقۇ راكىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلى دەپ دىئاگىنوز قويغان. بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغان بىر ئائىلىلىك كىشىلىرىنىڭ بېشىغا ئېغىر تاش چۈشكەندەك غەمگە پاتقان. بۇ چاغدا مەمەت ئەمەت قىلچىلىك ئۈمىدسىزلەنمەستىن قانچىلىك جاپا تارتسىمۇ ئايالىنى قەتئىي داۋالىشىش نىيتىگە كەلگەن. «ئەينى چاغدا بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا ھاياتتىن ئۈمۈدۈم ئۈزۈلۈپ، داۋالىنىشنى رەت قىلغان ئىدىم، بىراق يولدىشىم چىڭ تۇرۇپ چوقۇم داۋالىتىدىغاننى ئېيتقان، بۇ ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچدە يولدىشىم مېنىڭ كېسىلىمنى داۋالىتىش ئۈچۈن تولىمۇ جاپا چەكتى، يولدىشىمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاسىرىشى بولغاچقىلا مەن ھازىرىقىدەك ھالەتتە تۇرىۋاتىمەن، ئۇ ماڭا ئۈمۈد ۋە ئىشەنچ بېغىشلىدى» دېدى تۇرسۇنخان باۋدۇن كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغىنىچە.

  «بىر ئەر كىشىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئىككى ئايال بار، ئۇنىڭ بىرى ئانىسى يەنە بىرى بولسا ئايالى. ئانام ناھايىتى بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن، ئۇنىڭغا ۋاپادارلىقىمنى يەتكۈزەلمىدىم، ئايالىم ماڭا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولۇپ، 7 پەرزەنتىمنى قاتارغا قوشۇش يولىدا تارتمىغان جاپاسى قالمىدى، ياش ۋاقىتلىرىمدا خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئايالىمغا ياردەملىشىپ ئائىلىنىڭ يۈكىنى تەڭ كۆتۈرۈشۈپ بېرەلمىدىم، ئەمدى بولسىمۇ قىلالمىغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا تولۇقلاپ بەرسەم دەيمەن» دېدى مەمەت ئەمەت ئەمەت خورسىنغىنىچە.

  مەمەت ئەمەت ئۈرۈمچىدە ئايالىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىۋاتقان ۋاقىتتا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا ئۇچىراپ قانداق قىلىشنى بىلمەي تەمتىرەپ قالغىنىدا كەلپىن ناھىيە دۆلەتلىك باج ئىدارىسىدىكى رەھبەرلەر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن 26 ئادەم 5200 يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە توپلاپ مەمەت ئەمەتكە ئەۋەتىپ بەرگەن. «مەن ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا ئىدارە رەھبەرلىكى ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمىنى مەن مەڭگۈ ئۈنۇتمايمەن» دېدى مەمەت ئەمەت.

  بىر يىلغا يېقىن داۋالىتىش ئارقىلىق تۇرسۇنخان باۋدۇننىڭ كېسىلىدە خېلى ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ، ئاغرىق ئازابى ئۇنى يەنىلا ئورۇن تۇتقۇزۇپ ياتقۇزۇپ قويغان، بۇ جەرياندا مەمەت ئەمەت ئۆينىڭ ئېغىر-يىنىك ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئايالىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلمەكتە.

  مەسئۇلىيەتچان ئاتا

  «ئادەم ئۆمرىدە ھەر قانداق ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقسا ، ئەمما پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلىيەلمىسە، ئۇ بىر مەغلۇبىيەتچىدۇر؛ ئادەم يەنە ھېچقانداق ئىشنى ياخشى قىلالمىسا، بىراق پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلىيەلىسە ئۇ ئوخشاشلا بىر غەلبە قازانغۇچىدۇر.» مەمەت ئەمەت مۇشۇ سۆزنى نىشان قىلىپ 7 پەرزەنتنى قاتارغا قوشقان ئاتىلارنىڭ بىرى.

  مەمەت ئەمەتنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئەخمەت مەمەت مۇنداق دېدى:« دادام كىچىكىمىزدىن بىزگە راستچىل، پاك-دىيانەتلىك، ئاقكۆڭۈل ئادەم بولۇشنى تەكىتلەيتى شۇنداقلا ھەر ۋاقىت بىزگە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئۈلگە بولاتتى».

  مەمەت ئەمەت ئىشتىن ھېرىپ كىرسىمۇ يەنە بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلاتتى، ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن ئائىلىدىكى 9 جان كىشى مەمەت ئەمەتنىڭ ئازغىنە ئىش ھەققىگە قاراشلىق شۇنداقلا بالىلارنىڭ يېشى كۆپ پەرىقلەنمىگەچكە ئارقا-ئارقىدىن ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن، بۇ جەرياندا ئەر-ئايال ئىككەيلەن قانچىلىك قىينىلىشتىن قەتئىينەزەر بالىلارنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ ۋەتەن-خەلققە ياراملىق ئەۋلاد تەربىيلەش يولىدا كۆپ رىيازەت چەككەن. ھازىر مەمەت ئەمەتنىڭ 7 پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئىشتاتىدا خىزمەت قىلىپ دادىسىنىڭ ھاردۇقىنى چىقارغان.

  مەيدانى مۇستەھكەم پارتىيە ئەزاسى

  مەمەت ئەمەت 2007-يىلى پىنسىيىگە چىققان بولسىمۇ بىراق ئائىلىسىدە ئارام ئالىدىغان پۇرسەتتىن ۋاز كېچىپ كەلپىن ناھىيە گۈلباغ ئاھالىلەر كومىتېتىدا قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقاتچىسى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت گۇرۇپپا ئەزاسى، ئون بېشى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ خەلققە يېقىن پارتىيە ئەزاسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرغان. ئۇ كۈندە دېگۈدەك گۈلباغ ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ مۇقىملىق، قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان، ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى غەيرى كىيىنگەن شۇنداقلا بىنورمال ئىدىيەدىكى 20دىن ئارتۇق كىشىگە قايتا-قايتا تەربىيە ئىشلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ توغرا يولغا مېڭىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان.

  ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىدىغان ئائىلىلىكلەرنى تەكشۈرۈپ، ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەنلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە ئۇلارنى تىزىملىكتىن چىقىرىپ، ھەقىقىي قىيىن ئەھۋالدا قالغانلارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىلغار سىياسىتىنى ۋە ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى.

  كەلپىن ناھىيە دۆلەتلىك باج ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاۋ شۇڭبو مۇنداق دېدى: « گەرچە مەمەت ئەمەت پىنسىيىگە چىققان بولسىمۇ بولسىمۇ بىراق پارتىيە ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق، ھەر ۋاقىت ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان خەلق قەلبىدىكى ياخشى پارتىيە ئەزاسى، ياخشى ‹ئوغۇل›، ياخشى ئەر، ياخشى دادا. ئۇ پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىنمۇ خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلماي نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھاببىتى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ بۈيۈك ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. ئۇنىڭ بۇ ئىش-ئىزلىرى بىزنى تەسىرلەندۈردى، بۇ قېتىم ئۇ مەملىكەت بويىچە پىنسىيەگە چىققان ئىلغار كادىر شەرىپىگە ئېرىشتى ئۇ بىز باج سېستىمىسىدىكىلەرنىڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۈلگىمىز».

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)
      ·تۈركىيەدە بىر ئايال ساقچىلار ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ ئېتىراز بىلدۈردى(1)
      ·3-نۆۋەتلىك ئۆزتۈرك مۇكاپاتى12-دىكابىر تارقىتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسىدىكى مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتى ئېلان قىلىنىش …
      ·خۇاۋېي  شىركىتى ئۆزبېكىستاندىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقاتتى(1)
      ·شىنجاڭدا پۇتبول تۈر مەكتەپلىرى ھەر يىلدا بىردىن ئۈچ تۈمەن يۈەنگىچە مەشىق راسخوتى ياردىمىگە ئېرىشىدۇ