باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تۆت تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆزگەرتىش تۈرى مەركەزنىڭ مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشتى

2014.12.22 18:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6000دىن ئارتۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدۇ

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧﺎﺯﺍﺭىتى، ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭىتى 12 ـ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 ـ ﻛﯜنى ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ 2014 ـ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩتتىكى ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭنى ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﺗﯜﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘشى ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﭘﯩﻼنىنى ﭼﯜﺷﯜﺭﺩى. ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩىكى ﺗﯚﺕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻧﯩﯔ 40 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻥ ﺧﺎﻣﭽﻮﺕ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮىشتى .

  ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻧﯩﯔ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ـ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﯚﺕ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ : ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻚ 5 ـ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪپنى ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺶ ﺗﯜﺭﯨﮕﻪ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ 10 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻛﯚلىمى 5555 ﻛﯩﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ؛ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﻜﯚﻝ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪىكى ﮔﯘﺍﯓ ﺗﯘﯕﺸﯩﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪكتىپىنى ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺶ ﺗﯜﺭﯨﮕﻪ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ 10 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻛﯚلىمى 5500 ﻛﯩﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ؛ ﺋﺎﯞﺍﺕ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﻟﯩﻚ 3 ـ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪكتىپىنى ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺶ ﺗﯜﺭﯨﮕﻪ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ 10 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻛﯚلىمى 5100 ﻛﯩﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﻮﻧﺴﯘ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﻟﯩﻚ 1 ـ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪكتىپىنى ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺶ ﺗﯜﺭﯨﮕﻪ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ 10 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻛﯚلىمى 5400 ﻛﯩﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ؛ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﭘﯜﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ 6455ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎجىنى ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩىكى ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻗﻪﺩىمىنى ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﭗ، ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚلىمىنى ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎخشى ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر